نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 8804 قېتىم كۈرۈلدى
يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone غا 4.0 سۇڭلۇق ئىكران سەپلىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

لۇتۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغۇچىلار مۇشۇ چارشەنبە كۈنى ئالما شىركىتى يېڭى ئەۋلاد iPhone غا تېخىمۇ چوڭ ئىكران سەپلەيدىغانلىقىنى،شىركەتنىڭ نۆۋەتتە كورىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرگە قارىتا مال زاكاس قىلىشنى باشلىغان.
يېڭى ئەۋلادiPhone نىڭ ئىكرانى 4 سۇڭ بولۇپ،كونا نۇسخىسىدىكىدىن %30 چوڭايغان،ئالما 2007-يىلى iPhone نى بازارغا سالغاندىن بىرى،ئىزچىل ھالدا 3.5 سۇڭلۇق ئىكران ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانىدى.
يېڭى بىر ئەۋلادiPhone نىڭ ئىكرانى كورىيە LG ئېلىكتىرونى،ياپونىيەSharp ۋە Display Inc قاتارلىق كارخانىلار تەرىپىدىن سىناق تۈردە ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان بولۇپ،ئالما شىركىتى ئاخىرىدا مۇشۇ ئۈچ شىركەتتىن بىرلا ۋاقىتتا مال زاكاز قىلىدىكەن.ئەڭ بۇرۇن بولغاندا مۇشۇ يىل 6-ئايلاردا مال زاكاز قىلىشنى باشلايدىكەن.
ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نىڭ ئىكرانىنى چوڭايتىشى ئۇنىڭ كورىيە سامسۇڭ ئېلىكتىرون شىركىتىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ئەقلىيفونلىرىغا قارىتا قايتۇرما زەربە بىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
سامسۇڭ شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا يېڭى بىر ئەۋلاد Galaxy ئەقلىيفونىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ،بۇ يانفونغا 4.8 سۇڭلۇق ئىكران ۋە تېز سۈرئەتلىك بىر تەرەپ قىلغۇچلار سەپلەنگەن.
نۆۋەتتە ئىستېمالچىلار ئەقلىيفونلار ئارقىلىق ئىلگىرى خاتىرە كومپىيۇتېردا قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ،ئەقلىيفون كارخانىلىرىمۇ بەس-بەستە يانفوننىڭ ئىكرانىنى چوڭايتىۋاتىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203