رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
لىۋىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ئەزىزىيە لاگىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -24
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر تۈنۈگۈن پايتەخت تىرىپولىدا كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ئەزىزىيە لاگىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆكتىچىلەر كازافىنىڭ لاگىرى ئىچىدىكى تۇرالغۇسىغا بۆسۈپ كىرگەن. شۇ كۈنى خەلقئارا شاھمات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: كازافى شۇ كۈنى مەن بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئۆزىنىڭ تىرىپولىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە لىۋىيەدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن سەھەردە كازافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سەيىپ ئىسلام كازافى ئەزىزىيە لاگىرىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كازافىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تىرىپولىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر تۇرۇۋاتقان كونكرېت ئورۇننى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

لىۋىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىگنالى شۇ كۈنى ئۈزۈلدى، بىراق ئىنتېرنېت تورى بىلەن تېلېفون خەۋەرلىشىشى يەنىلا نورمال بولماقتا. ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر پايتەخت ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى كونترول قىلدى. يوللارغا توساق قۇردى، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈردى. نۆۋەتتە شەھەر ئىچىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدە ماي كەمچىل بولغانلىقتىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىمكان قەدەر ئۆيدە تۇرماقتا.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203