رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
ۋۇ باڭگو بولىۋىيە پىرېزىدېنتى مورالىس بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا بولىۋىيە پىرېزىدېنتى مورالىس بىلەن كۆرۈشتى.

ۋۇ باڭگو مورالىسنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە شۇنداقلا شېنجېن ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 26 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز پائال تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ باشتىن ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئۆزئارا ماسلىشىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ كەلدى، جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن مەمنۇن، جۇڭگو بولىۋىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

مورالىس جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەر ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەردى، بولۋىيەنىڭ جۇڭگونىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بولىۋىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىك تىكلىشىنى، قوش پايدىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى قارىشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203