ئۇيغۇرلاردا چىلىم مەدەنىيتى ئەۋىج ئالماقتا…
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزگە يەنە بىر يېڭى مەدەنىيەت قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ چىلىم مەدەنىيتى . بۇ ئىلغار مەدەنىيەت قەيەردىن كەلدى ؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى دۇبەيدىن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇبەي دېگەن يەردە باي ، ھاجى خېنىملار چىرايلىق گىرىم قىلىشىپ ، كېچىدە دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ چىلىم چىكىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ كېلەرمىش . ئەمىلىيەتتە بۇ چىلىم قانداقتۇر ئەپىيۇن ، نېشە ياكى زەھەرلىك چىكىملىك بولماستىن ، ھەرخىل خۇشپۇراق دورا ماتىرىياللىرى ( قىزىل گۈل بەرگى ، ئالما ، ئۈرۈك قاقلىرى دىگەندەك …) ئىكەن ، بۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئۆپكىنى ياشارتىپ ، ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە نەپ قىلىدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئاياللارغا بەك پايدىسى بار ئىكەن .
بۇ خىل ئىسلاپ داۋالاش شەكلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدىكى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى رېتىسىپلىرىدىمۇ بار . ئېسىمدە قېلىشچە ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرىدىغان يەرلىك تېۋىبلار دورىلىرىنى تاماكىغا ئوراپ بىمارلارغا چەكتۈرۈپ ياكى بىۋاستە نەپەس يوللىرىغا پۈۋلەش شەكلى بىلەن ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىرىنى داۋالاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم . مانا بۇ سىرىتتىن كىرگەن ئىلغارلىق بىلەن ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەنئەنىۋىيلىك بىرلەشكەن چىلىم مەدەنىيتى .
بۇ مەدەنىيەت دىيارىمىزغا كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن نېشە -بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىك بەكرەك ئەۋج ئالغان رايۇنلاردا باشلاندى ، ئايرىمخانىلاردا ياكى بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردىكى شەخىسلەرنىڭ ياسىداق ئارامبەخىش ئۆيلىرىدە، ئالدى بىلەن خانىم _ قىزلىرىمىز ئوغۇرلۇقچە بېرىپ چېكىدىغان، ئاندىن ئەر-خۇتۇن بىللە بېرىپ چېكىدىغان بولدى . كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدىن قارىغاندا ھەممە ئائىلىدە چىلىم بار بۇلۇپ ،ئاتا- ئانا ، پەرزەنىتلەر بىللە ئولتۇرۇپ چېكىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ ؟!…
بەزى تاماكا ،نېشە -بەڭ چېكىدىغان (ھەتتا بەش ناماز ئۆتەيدىغانلارمۇ بار ) قېرىنداشلىرىمىزغا چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلساق ، دائىم ئاڭلايدىغان بىر جۈملە دانا سۆزى بار ، ئۇ بولسىمۇ قورئاندا ئىچىملىك(ئېچىتىلغان ) مەنئىي قىلىنغان ، چېكىملىك تىلغا ئېلىنمىغان ،دەيدۇ . بۇ چىلىم مەدەنىيتىنىڭ دۇبەيدە باشقىدىن رۇناق تېپىشى ، دۇبەيگە بېرىپ -كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەر ، ئۇقۇمۇشلۇق ھاجىم ئەپەندى – خانىملىرىمىز تەرىپىدىن دىيارىمىزغا تارىتىلىشى بىزنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ .ئەسلىدىنلا نېشە – بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقان خەلىقىمىزگە ئەمدى چىلىم مەدەنىيتى قېتىلدى ، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار نىڭ كۆپچىلىكى دۇبەيگە بارغان ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار دىيارىمىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار (كۆپچىلىكى خانىم -قىزلار )، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پائالىيەت دەل نىشە -بەڭ ، زەھەرلىك چىكىملىك بەكرەك يامراپ كەتكەن رايۇنلاردا ئەدەب كېتىۋاتىدۇ …
‹‹ تەنگە شىپا بۇلىدىغان خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئىكەن ، دۇبەيدىكى ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار چېكىدىكەنغۇ ، يامان ئىش قىلمىساق -يا ! ›› مانا بۇ يېڭى چىلىمكەش «بەڭگە » لەرنىڭ پەتىۋاسى . نىمە دىگەن ھاماقەتلىك -بۇ! زەھەرلىك چېكىملىك قاتتىق چەكلىنىپمۇ تۇسۇلۇپ بۇلالمايۋاتقان بۇ دىيارىمىزدا ئاشۇ ھارامخور، ئەتكەسچى مەلئۇنلار سىزنىڭ ئاشۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللىرىڭىزغا چاڭ سالماي قالارمۇ ؟!…
ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان نورۇز بايرىمىنى ، ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىمىزنى ، ئۆزىمىزگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئسلام دىنىمىزغا يات دەپ قارىغان ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› توردا بولساڭلار ، قېنى بۇ دۇبەيدىن كەلتۈرۈلگەن چىلىم مەدەنىيتى ئالدىدا مەڭدەرەپ قالغان ئەپەندى ، خانىم -قىزلىرىمىزغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟! …
چىلىم مەدەنىيتىنىڭ پايدا – زېيىنى توغرىسىدا بىلىپ – بىلمەي سۆزلەپ قالغان بولسام ، قېنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىم قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى بەرگەن بولساڭلار . يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان بۇ چىلىمكەشلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزگە ، ئىجتىمائىي ئەخلاق تۇپراقلىرىمىزغا زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ؟! …
مەنبە:
http://bbs.alimuzika.com
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ئەيدىز قىزنىڭ ئۆچ ئېلىشى
- خېمىرلار
- باھ ئاجىزلىقى
- يېرىم باش ئاغرىقى توغرىسىدا چۈشەنچە ۋە داۋالاش
- ئەلسىھەتنىڭ ئويلىرى
- لوئوق دورىلارنى ياساش ئۇسۇلى
- ئەلسىھەت تورداشلاردىن كەچۈرۈم سۇرايدۇ!
- تەن ساقلىق زوربايلىق! ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ خاسىيىتى
- جىنسى ئالاقىگە مۇناسىپ ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا
- لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان 100 نەسىھىتى
شۇنداق ياخشى تىمىغىمۇ ئىنكاس يوق دىسە؟