خېمىرلار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىللىرىدىن بىرى بولغان خېمىر دورىلارنىڭ ياسلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز.
خېمىرلار -دورا ياسالمىسى تەركىبىدىكى بىرقىسىم دورىلارنىڭ قاينىتىلما سۈيى بىلەن، يەنە بىر قىسىم دورا تالقانلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ شېكەر ياكى ناۋات قىيامىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەئجۈنغا قارىغاندا يۇمشاقراق ياسىلدىغان بىر خىل دورا ياسالمىسغا قارىتىلغان.
1) نۇسخىدا قاينىتىش لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن دورىلارنىڭ قاتتىقلىرىنى چالا سوقۇپ،بىر كېچە قايناقسۇغا چىلاپ، ئاندىن بوش ئوتتا3/1سۈيى قالغىچە قاينىتىپ سۈزۈلىدۇ.
2) ناۋات ياكى شېكەرنى قاينىتىپ سۈزۈلگەن دورا سۈيىدە قىيام قىلىنىدۇ ياكى نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن ئەرەقلەربىلەن قىيام قىلىنىدۇ.
3) قىيامغا سېلىنىدىغان تالقان دورىلار ناھايتى يۇمشاق سوقۇلۇشى ۋە ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈشى لازىم.
4) ئىپار،زەپەر،ئەنبەرگە ئوخشاش ئۆتكۈر، خۇش پۇراق دورىلارنى قىيام بىر ئاز سوۋۇغاندىن كېيىن قوشۇش، ئالتۇن ۋەرەق،كۈمۈش ۋەرەقلەرنى ياخشى سالايە قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئارىلاشتۇرۇپ ياكى ئالغان ۋاقىتىدا قىيامنىڭ ئۈستىگەتەكشى سېپىش لازىم .
ئەمسە بۇ يازمىمۇ پۇتتى. ئىلان چىكىشنى ئۇنۇتماڭ!
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- جىنسى ئالاقىگە مۇناسىپ ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا
- سۈت بىزى كىسەلىلىكلىرى2(ئاياللار ئۈچۈن)
- جىنسى ئاجىزلىق ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
- ئۇلتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى ۋە يانپاش ئاغرىقى
- سىز بولسىڭىز قانداق قىلىتىڭىز؟
- قان بېسىم ئارىلىق پەرقى تارىيىش ۋە كېڭىيىش
- بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاش لاھىيەسى
- رىماتىزىم كىسىلى ساقىيامدۇ؟
- جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى تۇنۇش ۋە داۋالاش لاھىيەسى
- يارقان كىسەللىكى توغرىسىدا چۈشەنچە