گۈلقەنت تەييارلاش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىللىرىدىن بىرى بولغان گۈلقەنىتلەرنىڭ ياسلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز.
گۈلقەنتلەر:بۇ، گۈل چېچەكلەرنىڭ بىر ھەسسىسىگە3-4ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەل قۇشۇپ ئاپتاپتا قويۇپ تەييارلانغان دورا ياسالمىسغا قارىتىلغان.گۈلقەنتلەر تەمى تاتلىق بولۇپ ئىستىمال قىلىش ئوڭاي، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلشىغا باب كېلىدۇ.كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدىغان ۋە قۇستۇرىدىغان ئەكىس تەسىرى بولمايدۇ. تەييارلاشتا دورا ماتىرىيال ھۆل ياكى قۇرۇقلۇقى،شېكەر ياكى ھەسەل قۇشۇپ تەييارلىنىشىغا قاراپ تۆت خىل ئۇسۇلدا تەييارلىنىدۇ: 1)ھۆل گۈلنى ئېزىپ،شېكەربىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،ئاپتاپقا قويۇپ ئېرىتىپ تەييارلىنىدۇ. 2)ھۆل گۈلنى ئېزىپ،ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 3)شېكەرنى قىيام قىلىپ، ئېزىلگەن گۈلنى قىيامغا سېلىپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 4)قۇرۇق گۈلنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،شېكەرنى شېكەرنى قىيام قىلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ياخشى ئېچىلغان گۈل ۋە چېچەكلەرنىڭ گۈل ياپىرىقىنى ئېلىپ،ئاق قىسمى قىرىپ تاشلىنىدۇ.بولمىسا گۈلقەنتنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ ھەمدەشىپالىق ئۈنۈمىگە تەسىريېتىدۇ. گۈلنىڭ سېرىق ئۇرۇقلىرى يىغىپ ئايرىۋېتىلىدۇ.گۈلنى توغراش ماشىنىسدىن ئۆتكۈزۈپ خام ھالدا شېكەر ياكى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ قۇرۇق ۋە سىرلىق قاچىغا ئېلىپ ئاپتاپقا قويۇپ 60-45كۈنگىچە تۇرغۇزۇلىدۇ ھەمدەھۆل- يېغىن ئاپەتلىرىدىن ھوشىيار بولۇپ ئۈستىنى قېلىن داكا بىلەن يېپىش،دەسلەپتە ھەپتىدە بىر قېتىم، كېيىنچە 3-2قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.ئارىلاشتۇرۇشتاچوقۇم قۇرۇق ياغاچ چۈمۈچ بىلەن تېگىدىن ئارىلاشتۇرۇش لازىم. گۈلقەنتلەرنىڭ ھەسەل قوشۇپ ياسالغىنى گۈلقەنت ھەسىلى،شېكەر قوشۇلغىنى گۈلقەنت شېكىرى دېيىلدۇ.ھەسەل بىلەن ياسالغانلىرنىڭ ساقلاش مۇددىتى 4يىل، شېكەر بىلەن ياسالغانلىرنىڭ 2يىل بولىدۇ.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ خانىم -قىزلار سالامەتلىكىگە بولغان 5چوڭ زېيىن
- بالىلار ئىستېمال قىلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىكى خاتالىقلار
- پۇل تاپقۇڭىز بامۇ؟
- چىش ئاغرىقىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى
- جىگەر توغرىسىدا چۈشەنچە(2)
- ئۇرۇقدان ئىششىقى
- يۈرەك مەنبەلىك ئايلىنىپ كىتىش
- يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيىسى
- بۆرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى
- كۈرۈش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى