شەربىتى مەزى‹مەخپى رىتسىپ›
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن سىلەرگە سۇنىدىغان رىستىپىم شەربىتى مەزى. شۇ شەربەت مەزىبىزى ياللۇغى ۋە مەزىبىزى ئۈسۈكچىسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈنۈمى ياخشى شەربەت. قالدىسنى رىستىپنى كۈرۈپ بىرنىمە دىيىشلى.
بىخ بەدىيان، بىخ سەۋسەن، بىخ كەرەپشە، بەدىيان، رۇم بەدىيان، پىرسىياۋشەن، گاۋزىبان، گۈل بىنەپشە، تۇخۇمى خىتمى، ئۇستىقۇددۇس، بىستىپايەچ 12 گىرامدىن، شۇمشا، يەرلىك شوخلا، تۇخۇمى ھۇمماز، تۇخۇمى خرفە، سەرسىبىل، چۆپچىن چىنى، قۇغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، مامىرانچىنى، سەرپىستان 15 گىرامدىن، شاھتەررە، ئەفتىمۇن، كاكىنەچ 25گىرامدىن، كاسىنە ئۇرۇقى 18گىرام، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 30 گىرام، خىيارشەنبەر 45 گىرام، شىكەر 400 گىرام. بۇيالغان دورىلاردىن باشقا دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ 24 سائاتتىن كىيىن قاينىتىپ ئەفتىمۇن ۋە خىيارشەنبەرنى ئايىرىم – ئايىرىم چىلاپ تەمى چىققاندىن كىيىن سۈزۈپ دورا سۈينى بىرلەشىتۈرۈپ مىغىز دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ دورا سۈيى ئۈستىگە سېلىپ شىكەر سېلىپ شىكەر ئىرىگىچە سۇس ئوتتا قاينىتىلىدۇ.
رۇلى: ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، يۇمشىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق رۇلى بار،
ئىشلىتلىدىغان كىسەلىكلەر: سەپىرادىن بولغان مەزىبىزى ياللۇغى، سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ 100 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
رىستىپ تەركىبىدىن ئايان بۇلۇدىكى بۇ شەربەتنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنىمى ۋە سۈيدۈك ھەيدەش ئۈنىمى يۇقۇرى بولغان بىر شەربەت بۇلۇپ مەزىبىزى كىسەللىكلىرىگە قۇرسى ئەقىرەپ، قۇرسى كاكنەچ قاتارلىق دورىلار بىلەن، بۆرەك كىسەللىرىگە قۇرسى بابادۇق، شەربىتى بانادۇق بۇزۇرى قاتارلىق دورىلار بىلەن بەرگەندە ئۈنىمى كۈرىنەرلىك بۇلىدۇ.
ئەلسىھەتتىكى رىستىپ ئامبىرىنىڭ ئشكى ئېچىلدى. قەنى تورداشلار سىلەرگە قايسى رىتسىپ لازىمكىن؟ كىيىنكى رىستىپلار سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار بۇيىچە چىقىرلىدۇ.
رىتسىپتى رازى بولغان بولسىڭىز ئىلان چىكىپ بىزنى قوللاپ قۇيۇڭ.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ئەلسىھەت بىلوگى ئەسلىگە كەلدى!
- مەزى بىزىدە كۈرۈلگەن كىسەللىكلەر ساقىيامدۇ؟
- تەبئى مىزاج ۋە ئۇزۇقلىنىش پىرىنسىپى
- جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى تۇنۇش ۋە داۋالاش لاھىيەسى
- مىزاجنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى
- ئەلسىھەتنىڭ ئويلىرى
- پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق
- لوبوب دورىلارنى ياساش ئۇسۇلى
- ئەلسىھەتتىكى مەخپى رىستىپ
- جىگەر توغرىسىدا چۈشەنچە(2)
مەندە ئون نەچچەيىللىق بولغان تاماقتن كېيىن چوڭ تەرەت قىستايدىغان ،تەرەت قېتىم سانى كۆپ(كۈندە بەش-ئالتە قېتىم كېلىدۇ)بۇلدىقان ئالەمەتلەر بار،بىراق قۇرساق ئاغىرمايدۇ.بۇكېسەللىك ھىساپلىنامدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا قانداق دۇرا ئىشلىتىمىز.
بۇنداق ئەھۋال كۈپۈنچە ئۇزۇن يولغا ماشىنا ھەيدەيدىغان شوپۇرلاردا كۈرلىدۇ. نورمال ئەھۋال دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. دورا ئىشلىتىشنى ئويلىسىڭىز ئۈچۈينى قۇۋەتلەيدىغان دورىلارنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.