ئەلسىھەتنىڭ ئويلىرى

ۋاقتى 2012-03-30 14:07 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟  ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!

  ئالدىنقى يازمىلاردا كىسەللىك توغرىسىدا پاراڭ سالغان ئىدۇق. بۈگۈن نىمە يېزىشىمنى بىلەلمەي ئازىراق تاققا – تۇققا سۆزلەپ قوياي دەيمەن. مۇشۇ كەمدە بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم. سەۋەبى سۈڭەك كىسەللىكلىرىدىن ئازىراق چۈشەنچىگە ئىگە بۇلاي دەپ دوختۇرخانىنىڭ سۈڭەك بۈلۈمدە ئىشلەۋاتقان. كىرىپ كۆردۈمكى كەپسىز باللار، ياشانغان قېرىلار، ئامدىلا بالاغەتكە يەتكەن بالىلار، قىزلار، ئوغوللار، ئاياللار، ئەرلەر…….   زادى ھەممە كىشىنىڭ تەڭلا سۈڭىكى سۇنغاندەكلا قىلاتى. ھى ھى ھى  بۇنداق دىسەم قورقۇپ كەتمەڭ. سۈڭەكمۇ خېلى قاتتىق ئەزا. بىكاردىن بىكار سۇنمايدۇ. بىر قۇر ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كىيىن بۈلۈمدىكى كۈپۈنچە سۇنۇقلارنىڭ  قاتناش ۋەقەسىدە بولغانلىقنى ھېس قىلىپ قالدىم. ھەي ھاجايىپ بىر مىللەت بىز ھە، قارىسا ياۋاش، قائىدە ئۇقىدىغان لىكىن ماشىنا ياكى موتو مىنىۋالساق قانات چىقىرىپ ئۇچماقنى نىيەت قىلىمىزكەن. لىكىن يەنىلا ئۇچالماي  ياكى ئۇچساقمۇ نەچچە مىتىرلا ئۇچۇپ يەرگە <گۈپ> قىلىپلا چۈشۈپ <ۋايجان ! ئانام> دەپ توۋلايمىزكەن.  ساق ۋاختىمىزدا بىرەر قېتىم توۋلىساق كاشكى.  

  بۈگۈن بىر بالا كىرىپتۇ. قارىسام 14 ياشلار چامىسىدا بولسا كىرەك. قائىدە بۇيىچە تاشقى زەخمىنى تېڭىۋاتاتىم. بىر ئايال كىرىپ كەلدى. سىرىتقا چىقىپ تۇرۇشنى ئېيتىپ چىقىرىۋاتتىم. تىكىپ، تېڭىپ بۇلۇپ تېشىغا چىقىپتىم ھېلقى ئايال ئۇ بالنى باغرىغا چىڭ بېسىپ <نىمە بولدى بالام؟ نەرىڭ ئاغرىدى؟> دەپ سۇرىدى. كەسپى كىسەلمىكىن تاڭ ئاغزىم ئېچىلىپ كەتتى <نىمە دەپ كىچىك بالغا موتو بەرگەن؟>ئۇ ئايال يىغلامسىراپ جاۋاپ بەردى< بىز بىرەمدۇق دوختۇر. شۇ دوسلىرنىڭ موتوسى بولسا كىرەك>. ئارتۇق گەپ قىلماي سۇنغان ئوقىرەك سۇڭەكنى تېڭىشقا تەييارلىق قىلدىم. <ئۇستازىم بىلەن >

  بىچارە ئانىنىڭ  رەڭگى ئۈڭۈپ چىرايدا قان قالمىغان ئىدى. ئويلاپ قالدىم <بۇ بالا شۇنچە ئالدىراپ نەگە ماڭغان بۇلاتتى؟ ھەرقانچە ئالدىرسىمۇ باردىغان مەنزلگە بارالماي بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىپ قالدىغۇ. ئالدىرماي ماڭغان بولسا ئىدى بەلكىم باردىغان يىرىگە بۇ چاققىچە بېرىپ بولغان بۇلاتتى>. دىمەكچى بولغۇنىۇم كۈتۈلمىگەن ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاتناش ۋاستىسىغا ئولتۇرغاندا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىلى قېرىنداشلار. ئۈزىمىزگە ئاغرىق ئازابىنى، ئۆيدىكىلەرگە ھەسىرەت ئازابىنى سېلىش ئۇيىمىز بولمىسا ھەر ئىش قىلغاندا سوغوق قانلىق بىلەن ئويلىشىلى. كونلاردا يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. خەيىرى ھەمىمىزگە بەخىت سائادەت، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش يار بولسۇن.

بىزنى قوللاش نىيتىڭىز بولسا ئىلان چىكىپ قوللاپ قۇياسىلەر! 

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان4 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. قارا مۈشۈك مۇنداق دىدى:

    دېۋان مىنىڭ

  2. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    ھې ھې ھې دىۋاغا چىقىمەن دەپ ئالدىراپ مېڭىپ سۈڭەك سۇنمۇسۇن يانا

  3. مۇنىرە مۇنداق دىدى:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھەممە ئىش ئۆز يولىدا ، نورمال بولغىنى ياخشى . نەسىھەتىڭىزگە رەھمەت !

  4. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111