ئەلسىھەت مۇنبىرى ئېچىلدى!

ۋاقتى 2012-04-01 06:11 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر

مەن ئەلسىھەت 2012.1.13 كۈنى قىزىقىش بىلەن ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگىنى ئاچقاندىن كىيىن دوسلارنىڭ قوللىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتىم. شۇنداقلا بىر قىسىم تورداشلار ئەركىن پىكىرلىشدىغان، ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش ۋە ئۇيغۇر تىبابەت نوختىسىدىن ھاجەتمەنلەرگە مەسلىھەت بىرىدىغان بىر سەھنە ھازىرلاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
مەنمۇ كۆپ ئويلۇنۇپ ئاخىردا شۇنداق بىر سەھنە ھازىرلىماق بولدۇم. لىكىن تور بىلىملىرى توغرسىسىدىكى بىلىمىمنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلدىن بۇ ۋەزىپە ئېغىر توختىتى. جۇلا سەنئەت تورنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلا ئەپەندىمنىڭ يېقىندىن ياردەم قىلىپ بوشلۇق ۋە ئىسىم مەسىلىلىرنى ھەل قىلىپ بىرىشى ۋە مۇنبەر سېستىمىسىغا پىشقان ئاتامانلارنىڭ تېخنىكىلىق يىتەكلىشى نەتىجىسىدە بۇ ئىشلارمۇ تۈگەپ بۈگۈن مۇنبەر رېسمى يۇسۇندا ئېچىۋىتىلدى. بۇشۇ مۇناسىرەت بىلەن جۇلا ئەپەندىم، دىلشىر ئەپەندىم قاتارلىق يېقىندىن ياردەملەشكەن، ماڭا مەدەت بەرگەن دوسلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.ھەمدە مىنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىگەن دوسلارغا ئۆز نۆۋىتىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن مۇنبەرمۇ ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى. قالغان چالا يەرلىرنى تورداشلار بايقىسا بىز تۈزەتسەك دىگەن ئۈمۈتتە مەن.

مۇنبەرنىڭ نىشانى: مۇنبىرىمىز ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئاساس قىلغان ساغلاملىق بىلىملىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۆھپە قۇشۇشنى نىشان قىلغان، مەسلىھەت سۇراش، جاۋاپ بىرىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سورىنى بۇلۇپ تورداشلارنىڭ قوللۇشى ئاستىدا ئىشلىرىمىز تېخىمۇ يۈكسەلگۈسى.

مۇنبىرىمىزنىڭ شۇئارى: ساغلام ياشا خەلىقىم، كۈنسىرى گۈللەن تىبابىتىم!

سىناق مەزگىلىدە  دوسلار پىكىر تەكلىپنى ئايمىغايسىلەر.
دەپ كەمىنى: ئەلسىھەت
مۇنبەر ئادىرسىمىز: http://bbs.alsihat.com
 

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان8 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. بىلنۇر مۇنداق دىدى:

    مۇبارەك بولسۇن ،خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان يەنە بىر مۇنبەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن كۆڭلۈم سۈيۈندى ،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن!گۈللىسۇن، ئۇيغۇر تىبابىتىمىز!

  2. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    رەھمەت. مۇنبەردە سىزنىڭمۇ بىركىشلىك ئورنىڭىز بار. قارسام سىناق مەزگىلىدە قۇرۇق قالدى. بولسا ئەمدى بوش قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

  3. تەقۋالار مۇنداق دىدى:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مۇنبەر ئادرىسڭىنى تاپالمىدىم يا

  4. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇنبەر ئادىرسىمىز http://bbs.alsihat.com

  5. ئىنسان مۇنداق دىدى:

    ياخشىمۇ سىز، ئەلسىھھەت ئەپەندى، بىلوگىڭىزنى شۇنداق ياخشى قىلۋاپسىز. مۇبارەك بولسۇن. ئەتىدىن كەچكىچە بىلوگىڭىزدا مۇكۇنۇپ جىملا يېتىۋالماي، بىزلەنىڭكىگىمۇ ئۇتۇڭ، سىزدىشىمىز. تۇرۇشلۇق ئادېرىسسىم: http://www.amqi.net, مەن ئىنكاس يازغاندەك، سىزمۇ يېزىپ قۇيۇڭ.. بىر بىرىمىزنى شۇنداق قوللايلى.

  6. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    ياخشىمۇ سىز. يېقىندىن بۇيان سەل ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ تور ئارلىيالماي قالدىم. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. ئەلۋەتتە سىز تەرەپكىمۇ ئۆتكەن لىكىن تىما ياكى ئىنكاس يازالمدىم. سىز تەۋە گوروپپا تەستىقلانمىغان دەيدۇ.

  7. بىباھا مۇنداق دىدى:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تور دۇنيادىسىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇملۇقتىكى ناتونۇش كىشىلەر ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلماقچى بولغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم قىرىندىشىم ، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بىر خالىسانە ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەملەرنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن. مەن بىلوگىڭىزنى ۋە مۇنبىرىڭىزنى دائىم زىيارەت قىلىپ ، مەسلەھەتلەر بولسا سوراپ ، پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرىمەن .

  8. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    قوللىغىنىڭزغا رەھمەت

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111