ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-06-17 03:09 كۆرۈلۈشى:364 قېتىم
بۆرەك ئاجىزلىقى
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۈگۈن مۇشۇ بۆرەك ئاجىزلىق توغرىسىدا بىر توختۇلۇپ ئۆتسەك. چۈنكى نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بۇلۇپمۇ ئەرلەر تۇمۇر تۇتقۇزساق تىۋىپلارنىڭ كۈپۈنچىسى بۆرەك ئاجىزلاپتۇ دەيدۇ. تېخى تۈنگۈن قەشقەردە بىر كۇچا تىۋىپى ئۇچقاپ قېلىپ تۇمۇرۇمنى تۇتۇپ باقماق بۇلۇپ ‹بۆركىڭىز زەيىپلىشىپتۇ› دەپتى بۇلىشىغا ئىدىپنى بەردىم. بۇ تىمىنى ئۇقۇپ بۆرەك ئاجىزلىق دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ بىر ھىس قىلىپ بېقىلا. قىنى ئەمسە تىمىغا مەرھەمەت!
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-05-22 09:39 كۆرۈلۈشى:174 قېتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ! ئالدىنقى يازمىدا جىگەر توغرۇلۇق ئازىراق توختالغان ئىدىم. ئالدىراشچىلىقتا ئاخىرنى يوللاشقا ۋاقىت بولمىدى. بۈگۈن ئازىراق بولسىمۇ يوللاپ قۇياي دىگەن مەقسەتتە كونوپكا تاختىسنى بېسىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى يازمىنىڭ داۋامنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بىكەتتىكى ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە …. چە ئىلانلارنى بىر قېتىم چىكىپ قۇيۇڭ.
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-05-18 10:19 كۆرۈلۈشى:223 قېتىم
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت مۇنبىرىنىڭ قوللىغۇچىللىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرگە كىلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا. تۈۋەندە جىگەر توغرىسىدا ئازىراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن.
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-05-06 04:21 كۆرۈلۈشى:219 قېتىم
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەنلەر. يېقىندىن بۇيان ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن تىما يېزىپ يوللاپ بۇلالمدىم. شۇنداقتىمۇ غېرىپ كۈلبەمنى زىيارەت قىلىپ تۇرغىنىڭلاغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن قارىسام مۇنبەرنىڭ ئىشلىرنىمۇ بىر قاتالىق ئىزىغا چۈشۈپ قالدى. دەم ئېلىش كۈنۈم بولغاچقا ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ بىر تىما يازاي دەپ ئولتۇردۇم. بۈگۈن توختىلىدىغان تىمىمىز مىزاج ۋە ئۇزۇقلىنىش بولسا قانداق؟ بۇ توغرىدا توختىلىشتىن بۇرۇن مىزاج توغرىسىدا قىسقىغىنە توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-05-05 11:27 كۆرۈلۈشى:184 قېتىم
لۇبۇبلار
بۇ تەركىبىگە مېغىز دورىلار كۆپرەك چۈشىدىغان دورا ياسالمىسغا قارىتىلغان.لۇبۇبلار بەدەننى سەمرىتىپ،باھنى كۈچەيتىپ،مېڭە ۋە بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش ھەمدە ساقلىقنى ساقلاشتەك تەسىرلەرگە ئىگە بۇلۇپلا قالماي،بەلكى ساغلام كىشىلەرگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان غىزائى داۋادۇر.تەييارلاشتا مېغىزلار چۇقۇم پاكىز ۋە يېڭى بۇلۇشى كېرەك. ئالدى بىلەن مېغىزلار قازاندا قورۇلىدۇ. ئۇندىن كىيىن باشقا يەككە دورىلار بىلەن بىللە سوقۇپ، ھەسەل قوشۇپ خېمىر قىلىنىدۇ. ئەمما باشقا قۇيۇق دورا ياسالمىلىرىغا قارىغاندا يۇمشاقراق قىلىپ تەييارلىنىدۇ. لۇبۇبلارنى قاچىلاش، ساقلاش ئۇسۇللىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرۇش مۇددىتى باشقا قۇيۇق دورا ياسالمىلىرى بىلەن ئوخشاش.
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
ئاساسى نەزىرىيە,
تىبابەت | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-05-02 07:05 كۆرۈلۈشى:131 قېتىم
لوئۇقلار(يالانچۇق) لار_يالاپ ياكى شۈمۈپ ئىستىمال قىلىدىغان قۇيۇق دورا ياسالمىسىغا قارىتىلغان. ئەمما ئۇ مەجۈندىن سۇيۇق، شەربەتتىن قۇيۇقراق ياسىلىدۇ. ئۇ مەخسۇس گال، كاناي ۋە كۆكرەك كىسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
لۇئۇقلارنى تەييارلاشتا نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن دورىلارنىڭ تەبىئىيتى، لوئۇق تەييارلاش تەرلەپلىرىگە ئاساسەن ئۆز تەرتىپى بىلەن ياسىلىدۇ. ئادەتتە بىرقىسىم دورىلارنى چالا سوقۇپ 1:5 نىسبەتتە قايناقسۇغا بىر كېچە چىلاپ 3\1 قالغىچە قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈپ،شېكەر ياكى ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ.سوقۇپ تەييارلاپ قويغان بىر قىسىم دورا تالقانلىرىنى قىيامغا سېلىپ ياخشى قوچۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىلىدۇ. بەزىلىرى دورا لۇئابىغا ياكى قاينىتىپ سۈزۈلگەن دورا سۈيىگە قوشۇپ ياسىلىدۇ.
1)لوئۇقلارنىڭ قىيامى كۈچلۈك(چىڭ)بولۇشى كېرەك.
2)بېھى ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل لۇئابلىرىنى ئېلىشتا بىر ھەسسىگە بەش ھەسسە قايناقسۇ قويۇپ شىرىسى چىقىرىلىدۇ. ئىسپىغۇل سوقۇلمايدۇ. نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن لۇئاب مىقدارى كەم بولۇپ قالماسلىقى لازىم.
3)ئادەتتە، لوئۇقلارنى ياسىغان ھامان ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ قىزىق پېتى قاچىغا ئالماسلىق ھەمدە قاچىلارنى ناھايتى پاكىز، قۇرۇق بولۇشى، ئاغزى چىڭ يېپىلشى لازىم. ئەمما باشقا قۇيۇق دورا ياسالمىلىرىدەك بىر مەزگىل ساقلاش ھاجەتسىز.
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-27 12:59 كۆرۈلۈشى:187 قېتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىللىرىدىن بىرى بولغان گۈلقەنىتلەرنىڭ ياسلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز.
گۈلقەنتلەر:بۇ، گۈل چېچەكلەرنىڭ بىر ھەسسىسىگە3-4ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەل قۇشۇپ ئاپتاپتا قويۇپ تەييارلانغان دورا ياسالمىسغا قارىتىلغان.گۈلقەنتلەر تەمى تاتلىق بولۇپ ئىستىمال قىلىش ئوڭاي، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلشىغا باب كېلىدۇ.
ھالقىلىق سۆز:
گۈلقەنت | تۈرى:
ئاساسى نەزىرىيە,
تىبابەت | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش