ئەلسىھەت تورداشلاردىن كەچۈرۈم سۇرايدۇ!

ۋاقتى 2012-03-09 05:03 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟
نەچچە كۈندىن بۇيان ئەلسىھەت بىلوگىغا كىرەلمەي تازا ئاچچىقىڭلا كەلگەندۇ؟ بۇ نىڭ سەۋەبى بوشلۇق توختاپ قالدى. نىمە سەۋەپتىنلىكى ئېنىق ئەمەس، لىكىن بوشلۇق تەمىنلىگەن شىركەت مەن بىلەن بىلنۇر ئىستودىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلنۇرنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ بوشلۇقنى توختۇتۇپ قۇيۇپتۇ. شۇ سەۋەپتىن بىر مۇلازىمىتىردىن بوشلۇق ئالغان ئوتتۇز نەچچە بىلوگ تەڭ توختاپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى تېخى ئىنىق بولمسىمۇ بارلىق بىلوگىر دوسلاردىن تۈۋەنچىللىك بىلەن كەچۈرۈم سۇرايمەن.
ئەلشات ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بوشلۇق ئەسلىگە كەلدى. ھەمدە ئەلسىھەت بىلوگى يېڭى بوشلۇققا كۈچۈرۈلدى. بۇ جەرياندا ئەلشات ئەپەندىمنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم. ئەلشات ئەپەندىم جاپا چەكتىڭىز، سىزنى جاپاغا سېلىپ قويدۇم، بىزنى كەچۈرۈڭ، ھەم قىلغان ياردىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت……
بۈگۈن يېڭى ئۆيگە كۈچۈپ كىرىپ بىر قىسىم تەڭشەشلەرنى قىلغاندىن كىيىن بىلوگ ئاساسەن نورماللاشتى. دوستانە ئۇلىنىشلارمۇ ئەسلىگە كەلدى. تورداشلارنىڭ سىناپ كەم قالغان جايلىرنى بىزگە ئەسكەرتىپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ھەمدە بوشلۇق توختاپ ۋە ئۆي كۈچۈپ دىگەندەك مەزگىلدە سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئاۋارچلىقىمىزنى كەچۈرشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. بۈگۈندىن باشلاپ يەنە يېڭى – يېڭى مەزمۇنلار ھۇزۇرىڭلاردا بۇلىدۇ. ئەلسىھەت بىلوگىنى كۈندە يوقلاشنى ئۇنىتماڭ.
دەپ كەمىنە: ئەلسىھەت

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان4 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. ئەلشات مۇنداق دىدى:

    بوپتۇ كەچۈرۋىتىلى ، كەچۈرۋەتتۇق

  2. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    رەھمەت سىزگە توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت !

  3. بىلنۇر مۇنداق دىدى:

    كەمىنە بىلنۇرمۇ كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلدىم . بوشلۇق تەمىنلىگۈچى شېركەتنىڭ نېمە سەۋەپتىن بىزنى قائدىگە خىلاپلىق قىلدى دېگەنلىكىنى ئۇقمىساممۇ ، مەنمۇ كەڭ كۆپچىلكنىڭ ۋاقتى ۋە بلوگنىڭ ئىچىلماسلىقىغا سەۋەپچى بولغىنىمدىن تولىمۇ خىجىل كەچۈرۈڭلار كۆپچىلىك !!!

  4. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    بوسا سەۋەبنى ئۇققان بولساق ياخشى بۇلىتى. قايتا قائىدىگە خىلاپلىق قىلماستۇق. لىكىن مۇمكىن بولمغۇدەك.

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111