كىسەلىكلەرنىڭ ئالامىتى ۋە سېلىشتۇرمىسى‹ 1 – قىسىم ›
بۈگۈن نىمە يېزىشنى بىلەلمەي ئاشۇ كونا خاتىرەمدىكى مىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بايلىقىم بولغان ھەرخىل كىسەللىكلەردە كۈرلىدىغان ئالامەتلەنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى يېزىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
ئەسلى 30 خىل بۇلۇپ بۈگۈن يېرىمىنى يوللۇدۇم. ئاخىرنى داۋاملىق يوللايمەن. دىققىتىڭىز بىلوگۇمدا بولسۇن.
1.ئاغرىقلار
ھەر قانداق كىسەللەردە يۇز بىرىدىغان ئاغرىقلار ئىسسىقتىن، سۇغۇقتىن، يەلدىن دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.
(1) ئىسىقتىن بولغان ئاغرىقلار
سەۋەبى: سەپرا، قان خىلىتلىرنىڭ ماددىسىز ياكى ماددىلىق غەيرى ئوزگىرىشىدىن بولىدۇ.
ئالامىتى: ئاغرىش قاتتىق، چىدىغۇسىز بولىدۇ.
(2) سۇغۇقتىن بولغان ئاغرىقلار
سەۋەبى: بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرنىڭ ماددىسىز ياكى ماددىلىق غەيرى ئوزگىرىشىدىن بولىدۇ.
ئالامىتى: ئاغرىش يەڭگىل بولۇپ، سۇزۇلما خاراكتىرلىك بولىدۇ.
(3) يەللىك ئاغرىقلار
سەۋەبى: ئىسسىق ، سۇغۇق يەللەردىن بولىدۇ.
ئالامىتى: ئىسسىق يەلدىن بولسا ئاغرىش تۇتقاقلىق بىردەم قاتتىق ئاغرىپ بىردەم قۇيۇپ بىرىدۇ. پىچاق سانجىلغاندەك زىڭىلداپ، لۇقۇلداپ ئاغرىدۇ.
سۇغۇق يەلدىن بولسا ئاغرىش قاتتىق بولمىسىمۇ بىردەم ئاغرىپ بىردەم قۇيۇپ بىرىدۇ. ئاغرىقلارنىڭ داۋامى كىسەللەر بايانىدىن كۇرۇلسۇن.
2. قىزىتمىلار
قىزىتما دەپ بەدەننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىنىڭ ھارارىتىنىڭ ئورلەپ كىتىشىنى دىيىلىدۇ. بۇ ھارارەت ئالدى بىلەن يۇرەكتە پەيدا بولۇپ قان، روھقا ئارىلىشىپ بەدەنگە تاراش ئارقىلىق بولىدۇ. بۇ ئىچكى سەۋەبتىن يەنى بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ. بەزىدە تاشقى ئەزالاردا پەيدا بۇلۇپ يۇرەككە تەسىر قىلىش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ.
قىزىتمىلار ئادەتتە ماددىسىز قىزىتما، ماددىلىق قىزىتما، جۇدەتكۇچى قىزىتما دەپ چوڭ ئۇچ تۇرگە بۈلىنىدۇ.
سەۋەبلىرى: (1) قۇۋۋىتى نەپسانىگە غەيرى ھارارەتنىڭ ئارلشىشىدىن بولىدۇ (2) قۇۋۋىتى ھايۋانىگە غەيرى ھارارەتنىڭ ئارلشىشىدىن بولىدۇ (3) قۇۋۋىتى تەبىئىگە غەيرى ھارارەتنىڭ ئارلشىشىدىن بولىدۇ، بۇلار ماددىلىق قىزىتمىلار دىيىلىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە تۆتكە بۈلىنىدۇ يەنى سەپرادىن بولغان قىزىتما ، قاندىن بولغان قىزىتما، بەلغەمدىن بولغان قىزىتما، سەۋدادىن بولغان قىزىتما قاتارلىقلار بولۇپ ئالامەتلىرى خىلىت ئىتىۋارى بىلەن بولىدۇ.
جۇدەتكۇچى (يۇقۇملۇق) قىزىتمىلار مەسىلەن: قىزىل، خۇلىرا(ۋابا)، چىچەك، تائۇن، كىزىكلەرنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ.
(1) زۇكام قىززىتمىسى (2) بۇيۇن قالقانسىمان بەز ئۆسمىسى قىزىتمىسى (3)بادامسىمان بەز ئىششىقى قىزىتمىسى (4) مىڭە پەردە ئىششىقى قىزىتمىسى (5) ئۆپكە ئىششىقى قىزىتمىسى (6) ئۆپكە سىلى قىزىتمىسى (7) كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ چۇشۇشتىن بولغان قىزىتما (8) ئېغىز يارىسىدىن بولغان قىزىتما (9) كىچىك بالىلارغا چىش چىقىش ئالدىدىكى قىزىتما (10) ئاشقازان-ئۇچەي يارىسى سەۋەبىدىن بۇلىدىغان قىزىتما (11) ئۆت ياللۇغى سەۋەبىدىن بۇلىدىغان قىزىتما، كىزىك قىزىتمىسى، بۆرەك سىلى قىزىتمىسى (12) رېماتىزىم قىزىتمىسى (13) قولتۇق بەز ئۆسمىسىدە بۇلىدىغان قىزىتما (14) ئۇرۇقدان ۋە تۇخۇمدان ئىششىقىدا بۇلىدىغان قىزىتما (15) ئىسسىق ئۇتۇپ كىتىشتىن بۇلىدىغان قىزىتما (16) سۇغۇق ئۇتۇپ كىتىشتىن بۇلىدىغان قىزىتما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
3. ھۇشسىزلىنىش(ئايلىنىپ كىتىش)
سەۋەبى: (1) مىڭىگە قان چۇشۇشتىن (2) تۇتقاقلىق كىسەلدىن (3) غەشيى(يۈرەك تىقىلمىسى) دىن (4) دىئابىت كىسىلىدىن (5) ئاياللار تۇتقاقلىق كىسىلىدىن بولىدۇ.
4. باش قېيىش
سەۋەبى: (1) قان بېسىم يۇقىرىلىقتىن (2) قان بېسىم تۇۋەنلەپ كىتىشتىن (3) بۇيۇن ئۇمۇرتقىسىدا كۇمۇرچەك ئۇسۇپ قالغاندىن (4) مىڭە قان-تۇمۇرقېتىشتىن (5) مىڭە يىگىلەشتىن (6) مىڭىدە سۇلۇق ئۆسمە پەيدا بۇلۇشتىن بولىدۇ.(7) قان ئازلىق.
5. ئۇيقۇ كەلمەسلىك
سەۋەبى: (1) سەپرا ۋە سەۋدانىڭ ئېشىپ مىڭىگە قۇرۇقلۇق يەتكەندىن (2) ئىشقى-مۇھەببەتتىن (3) قايغۇ-ھەسرەتتىن (4) مىڭىدىكى يەلنىڭ كۆپلىكىدىن بولىدۇ.
6. ئۇيقۇنىڭ كۆپ بۇلىشى
سەۋەبى: (1) بەدەندە ھۆللۈك سۇغۇقلۇقنىڭ غالىپ كىلىشىدىن (2) مەست قىلغۇچى چىكىملىك ۋە ئىچىملىك بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىشتىن (3) تىنىچلاندۇرغۇچى دۇرىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن (4) بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىدىن بولىدۇ.
7. ئۇيقىدا قارا بېسىپ قورقۇپ ئويغۇنۇش
سەۋەبى: (1) سەۋدا، بەلغەم، سەپرانىڭ بۇخاراتلىرىنىڭ مىڭىگە ئورلەپ مىڭە خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرشىدىن (2) مىڭىنىڭ ئاجىزلىقىدىن (3) قورقۇنۇشلۇق، ئېچىنىشلىق گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن ھەم كىنو فىلىملەرنى كۆرگەندىن بولىدۇ.
8. ئۇنۇتقاقلىق
سەۋەبى: (1) مىڭىنىڭ ئاجىزلىغىدىن (2) غەيرى سەۋدادىن (3) غەيرى بەلغەمدىن بولىدۇ.
9. پالەچلىك
سەۋەبى: (1) مىڭىگە قان چۇشۇشتىن (2) مىڭە قان تۇمۇرلىرى تۇسۇلۇشتىن (3) بۇيۇن، بەل بۇغۇملىرىدا ئۆسمە پەيدا بولۇپ نىرۋا ھەركەتلىرىنى تۇسۇپ قۇيۇشتىن (4) مىڭىگە سۇلۇق ئۆسمىلەرنىڭ پەيدا بۇلىشىدىن (5) مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك(قان بېسىم تۇۋەنلەپ كىتىشتىن) (6) پەي نىرۋىلارنىڭ ئۈزۈلگەن ياكى كىسىلگەندىن بولىدۇ.
10. پاڭلىق
سەۋەبى: (1) تۇغۇلما قۇلاق ئاڭلاش پەردىسى بولماسلىق (2) قۇلاق ئاغرىپ ئېقىش ئارقىلىق ئاڭلاش پەردىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن (3) قۇلاق ئىچىدە ئۆسمە پەيدا بۇلىشىدىن (4) بۇيۇن ئىككى يان بېزىنىڭ ئىششىپ ئاڭلاش نېرىپلىرىنى بېسىپ قۇيۇشىدىن (5) مېڭە قۇلاق نېرۋىسىنىڭ زەئىپلىشىشىدىن بولىدۇ.
11. پۇراش سېزىمىنىڭ بولماسلىقى
سەۋەبى: (1) مېڭە پۇراش نېرۋىسىنىڭ تۇسالغۇغا ئۇچرىشىدىن (2) بۇرۇن ئىچكى پەردىسىدە ئىششىق پەيدا بۇلىشىدىن بولىدۇ.
12. كۆزنىڭ كۆرۈش خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشى
سەۋەبى: (1) قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىدىن (2) دىئابىت كىسىلىدىن (3) قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن (4) قويۇق يەلدىن (5) جىگەر كىسىلىدىن (6) بۆرەك زەئىپلىشىشىدىن بولىدۇ.
13. كۆپ چۈش كۆرۈش
سەۋەبى: (1) مېڭە سېزىمى ئېشىپ كىتىشىدىن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن مېڭىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى سەۋەب بولىدۇ (2) تولا ئويلۇنۇش سەۋەب بولىدۇ.
14. گاچىلىق ۋە تىل ئېغىرلىق
سەۋەبى: (1) تۇغۇلما بولىدۇ، بۇنداقلارنىڭ تىلى سىرتقا چىقمايدۇ (2) تىل نېرىپلىرىنىڭ پالەچلىنىشىدىن تۇيۇقسىز سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ (3) تىل نېرىپلىرى ئەتراپىغا قان چۈشكەن، ئىششىق ياكى ئۆسمە پەيدا بۇلۇشتىن بولىدۇ.
تىل ئېغىرلىشىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى سەپرادىن بولۇپ تېز سۆزلەپ تەمتىلەپ قالىدۇ. يەنە بىرى بەلغەمدىن بولۇپ گەپ سۆزى ئاستا بۇلىدۇ، تەمىلەپ سۆزلەيدۇ.
15. كۆپ ئۈشكۈرۈك
سەۋەبى: (1) مېڭىنىڭ ئۆزىدىكى كىرەكسىز ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىش ھەرىكىتىدىن بولىدۇ (2) زۇكام تىگىشنىڭ بەلگىسىدىن بۇلىدۇ (3) مېڭىنىڭ پۇراش نېرۋىسى ئەتراپىدا ئۆسمە پەيدا بۇلىشىدىن بولىدۇ (4) غەيرىي پۇراقلارنىڭ پۇراش نېرۋىسىنى قوزغىتىشىدىن بولىدۇ.
16. كۆپ ئەسنەش
سەۋەبى: (1) مېڭىدە قاننىڭ كۆپىيىپ تۇسۇلۇش پەيدا بۇلىشىنىڭ ئالامىتىدۇر (2) مېڭە ئەسەبلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن بولىدۇ (3) مېڭىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىنمۇ بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە قورساق ئاچقان ۋاقىتلاردا تۇتىدۇ.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ھەببى تۇربۇت
- ئەلسىھەت تورداشلاردىن كەچۈرۈم سۇرايدۇ!
- شام يورۇقىدىكى كەچلىك تاماق … ( تەرجىمە )
- مەزى بېزى توغرىسىدا چۈشەنچە
- ئانا تىلىم
- ئاشقازان ئاجىزلىقى
- لوئوق دورىلارنى ياساش ئۇسۇلى
- مەزى بىزىدە كۈرۈلگەن كىسەللىكلەر ساقىيامدۇ؟
- مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ
- ئېغىز پۇراشنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى