سۈت بىزى كىسەلىلىكلىرى1(ئاياللار ئۈچۈن)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
ئالدىنق يازمىلاردا ئەرلەر كىسەلىكى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئاياللار تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۈلمەپتۇق. شۇڭا بىر نەچچە يازمىنى ئايال ئۈچۈنمۇ يوللاپ قويساق. يازمىنى باشلاشتىن بۇرۇن دەپ قۇيىدىغان گەپ توي قىلمىغان ئۇغول بالىلار ياكى ئاياللار كىسىل توغرۇلۇق بىلگۈسى يوق تورداشلار بىلوگىمىزنىڭ باشقا سەھىپىسىگە مەرھەمەت. بۇ بىلوگنىڭ خاراكتىرى تىببى ئىلىم. تىببى ئىلىم ھايا قىلىپ يۇشۇرۇپ سۆزلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ شەخسنىڭ بىر ئادامنىڭ ھاياتىغا، تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ. شۇڭا ئۇچۇق سۆزلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئاياللار كىسەللىكى توغرىسىدا توختالغاندا ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ سۈت بىزى كىسەللىكلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىلى. چۈنكى ھازىر مۇشۇ سۈت بىزى كىسەللىكلىرى ئاياللارنى ئازاپلاۋاتقان بىخىل ئېغىر كىسەللىك بۇلۇپ قالدى. قىسمەن ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىسقا ۋە ئاددىي يازدىن مەسىلە بولسا ئىنكاس ياكى چ چ ئارقىلىق ھەل قىلامىز.
1. سۈت بىزى چۇڭىيىپ كىتىش كىسىلى
سەۋەبى: بەلغەم ھەم قاننىڭ بەدەندە ئىشىپ كىتىشىدىن، ماي ھەم گۆشنىڭ كۈپىيىشىدىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: سۈت بىزى يېشىغا نىسبەتەن تىز چۇڭىيىپ كىتىش ھەم چوڭلاردىمۇ سۈت بىزى ئادەتتىن تاشقىرى چۇڭىيىپ كىتىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش: بەلغەم مىزاجلارغا ئالدى بىلەن بەلغەمنىڭ مۇنزىجىنى بىرىپ، ئۇندىن كىيىن مۇسھىل ئۈچۈن ھەببى تۇربۇت بىرىش لازىم. (ھەببى تۇربۇت ۋە تەييارلىنىشى رىتسىپلار سەھىپىسىدە بار).
ئەتتىگەن تاماقتىن كىيىن جاۋارىش جالىنۇس يەيدۇ.
ئۇندىن باشقا جاۋارىش نانخۇا بىرىلسىمۇ ياخشىدۇر.
بەدەندە گۆشنىڭ كۆپىيىپ سەمىرىپ كىتىشىدىن سۈت بىزى چۇڭىيىپ كەتكەن بولسا، زىرە گىرمانى 30گىرام، كەھرىبا 20گىرام، مۇدەپپەر قىلىنغان بەزۇرۇلبەنجى 10گىرام دورىلارنى سۇقۇپ، سىركىدە مەلھەم تەييارلاپ ئەمچەككە چېپىش لازىم، ئىستىمال قىلىش ئۈچۈن ئىتىرپىل سەغىر، ئىتىرپىل كەشنىز، غۇرا شەربەتلىرى بىرىلسە ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
2. سۈت بىزى يىرىڭلىق جاراھىتى
سەۋەبى: 1) سۈت بىزى ئىششىقىنىڭ يانماي ئۇفۇنەت پەيدا قىلىپ ئېغىز ئېلىشىدىن بۇلىدۇ. 2) سۈت بېزىدە سۈت توختاپ قېلىپ بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بۇلىدۇ. 3) سۈت بېزىنىڭ كىسىلى سەۋەبىدىن غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ سۈت بېزىگە چۈشۈشىدىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: ئەمچەك ئىششىپ قىزىرىپ، ئۇچى تەرەپ ئاقىرىپ، يىرىڭداپ، داۋاملىق يىرىڭ، قان زەرداپ ئېقىپ تۇرىدۇ، ئاغرىيدۇ.
داۋالاش: سەۋەپكە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم. سۈت بىزى ئىششىقى سەۋەبىدىن بولسا ئىششىق ياندۇرغۇچى يىرىڭ يۇقاتقۇچى دورىلارنى بىرىش لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنزىج بىرىپ ماددىسىنى پىشۇرۇپ، ئۇندىن كىيىن ئىتىرپىل چۈبىچىن، ئىتىرپىل سەغىر بىرىش بىلەن بىرگە، ئەمچەككە زىغىر، شومشا، ئارپا، ئاق لەيلى گۈلى، بىھى ئۇرۇغى، ھەر بىرى 6گىرامدىن ئەنجۈر قېقى 2دانە قاتارلىق دورىلارنى سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ مۇم يېغىدا يۇغۇرۇپ چاپىدۇ، يىرىڭنى چىقىرىپ پاكلاپ بولغاندىن كىيىن گىل ئەرمىنى، نىشاستە، قىزىلگۈل، نەمەك ھىندى ھەر بىرى 10گىرامدىن، سىركە 100گىرام دورىلارنى سۇقۇپ سىركىدە يۇغۇرۇپ چاپىدۇ.
ئەگەر سۈت بېزى يىرىڭداشتىن بولسا، زىغىر ئىككىلمىلىك بابۇنە قاتارلىقلاردىن 30گىرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ، گۈل يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ ئەمچەككە چېپىش لازىم. ئەگەر ئەمچەك بېزىنىڭ ئىششىقىدىن بولغان يىرىڭلىق جاراھەت بولسا، ھەببى كىبىرىت، ھەببى ۋاسىلى، ئىتىرپىل غۇددى بىرىش لازىم. سىرتتىن شوخلا، بىخ سوسەن، ئاق لەيلى گۈلى، ھەمشىۋا قاتارلىقلارنى سۇقۇپ چېپىش لازىم. ئەگەر يىرىڭ ئۇبدان چىقماي قېتىۋېلىش ئىھتىمالى بۇلۇپ قالسا، كۈنجۈت يېغىدا سۈت بىزىنى ياغلاپ بەرسە ئاسان يۇمشاپ يىرىڭ چىقىدۇ، ئوبدان تازىلاپ بۇلۇپ ئۇندىن كىيىن ئەرقى شىپاغا گىل ئەرمىنى ئارىلاشتۇرۇپ چېپىلسا ئاسان ساقىيىدۇ.
3. بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللاردا سۈت ئازلاپ كىتىش
سەۋەبى: قان ئازلىق يەنى ئۇزۇقلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى تۇغۇتتىن كىيىن ھېيىزنىڭ، نىپاسنىڭ كۆپ كىلىشى، بۇۋاسىرنىڭ قاناپ كىتىشى ياكى ئىسھالدا قان مېڭىپ كىتىش، كۆپ ئىچى سۈرۈلۈشتىن ياكى كۆپ مۇشەققەتلىك ئىشلەش سەۋەبىدىن بەدەندە سەۋدا، سەپرا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللاردا سۈتنىڭ ئازلاپ كىتىشى ياكى سۈت پەيدا بولماسلىق بىلەن بالا ياخشى ئۇزۇقلىنالماسلىق ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: سەۋەپكە قارىتا چارە قىلىش لازىم، ئۇزۇقلىنىش ياخشى بولمىسا، ئۇزۇقلۇق ئۈچۈن ئانار شەربىتى، ئۈزۈم سۈيى، گۆش شورپىسى، سۈت، شىكەر، تۇخۇم، ھېيىز كۆپ كىلىشتىن بولسا سۈرۈلۈشنى توختىتىش، ئۇزۇقلىنىشنى ياخشىلاپ، دەم ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. سۈت كۆپەيىتكۈچى دورىلاردىن ئارپا بەدىيان، بادام مېغىزى، چىلىغۇزا مېغىزى، تۇدەرى سۇرۇخ، تەرەنجىبىن ھەر بىرى 100گىرامدىن دورىلارنى سۇقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ 1كىلو سۈتكە 1كىلو شىكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، قىيام سۇۋۇغاندا يۇقارقى دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ كۈندە 3ۋاخ تاماقتىن كىيىن 30گىرامدىن يەيدۇ.
4. سۈت كۆپىيىپ كىتىش
سەۋەبى: بەدەندە قاننىڭ كۆپلىكى ھەمدە ھېيىزنىڭ توختاپ قېلىشى، بالاياتقۇ ساھەسىدە غىدىقلىنىش تەسىرىنىڭ يوقلىقىدىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: بۇ كىسەللىك بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللاردىلا سۈت كۆپىيىپ، بالا ئىمىپ تۇرسىمۇ يەنە سۈت ئېقىپ تۇرۇشنىڭ سىرتىدا، ھامىلدار ئەمەس ئاياللاردىمۇ سۈت پەيدا بۇلۇپ سۈت ئاقىدىغان ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش: قان كۆپەيىتكۈچى ئۇزۇقلۇقلارنى كېمەيتىش، ھېيىز راۋان بولمىسا ھېيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، بالىياتقۇنىڭ سىزىمىنى پەسەيتىدىغان كەشنىز، زىرە، جۇۋىنە، شاھتەررە، بادىرەنجى بۇيا قاتارلىقلارنى چايلىق قىلىپ بىرىش، ئەمچەككە يۇمغاقسۈت، يالپۇز، چىڭسەيلەرنى چېپىش لازىم.
قۇلۇم تېلىپ كەتتى. داۋامنى كىلەركى يازمىغا ئېلىپ قۇياي. تورداشلارنىڭ ئىنكاسغا قاراپ يازما يوللاش سۈرئىتى بىكىتىلىدۇ.
بىزنى قوللاش نىيتىڭىز بولسا ئىلان چىكىپ قوللاپ قۇياسىلەر!
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ خانىم -قىزلار سالامەتلىكىگە بولغان 5چوڭ زېيىن
- مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ
- سۈت بىزى كىسەللىكلىردە كۆپ ئىشلىتىلدىغان دورا رىستىپلىرى
- كىچىككىنە پەم
- جىنسى ئاجىزلىق ۋە داۋالاش ئۇسۇلى2
- ئەيدىز كىسىلى قانداق كىسەل؟
- رىماتىزىم كىسىلى ساقىيامدۇ؟
- يېرىم باش ئاغرىقى توغرىسىدا چۈشەنچە ۋە داۋالاش
- ئېغىز پۇراشنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىبابەت ئۇستازلىرى(1)
رەخمەت سىلەرگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مىنىڭ ئاچامنىڭ ئەمچەك ئۇستى قىزىرىپ . ئىششىپ قېتىۋالغان . ئورنى ئالقان چوڭلىقىدا قاتتىق ئاغرىپ . چىڭقىلىپ . قىززىپ بەكمۇ بىئارام بوپ كەتتى . بۇ سۇت بېزى چۇڭىيىپ كىتىش كېسەللىكى بولامدۇ . يۇقىردا ئېيتىلغان دۇرىلارنى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بۇلامدۇ .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام. ئالامتىگە قارىغاندا ئەمچەك ئۈسۈكچىسىدەك تۇرىدۇ. بولسا سۈت بىزنى تەكشۈرۈش ئاپىراتدا تەكشۈرتۈپ ئېنىق دىئاگۇنۇز قۇيۇلغاندىن كىيىن مۇۋاپىق دورىلارنى دەپ بىرىلى.