سۈت بىزى كىسەللىكلىردە كۆپ ئىشلىتىلدىغان دورا رىستىپلىرى

ۋاقتى 2012-03-28 11:08 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟  ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!


سەۋدانى بەدىنىدىن پاكلىغۇچى مۇنزىج نۇسخىسى

قارا ھىلىيلە 30گىرام بىستىپا يەنجى 10گىرام، ئەپتىمۇن 75گىرام، گاۋزىبان، بادىرەنجى بۇيا، ئۈستىقۇددۇس، قىزىلگۈل ھەر بىرى 9گىرامدىن ئارپا بەدىيان، رۇم بەدىيان، 6گىرامدىن زەنجىۋىل، 10گىرام خەربەق سىياھ 1گىرام، نەمەك سىياھ، لاجىۋەرد مەغسۇلى، غارىقۇن، ھەجەر ئەرمىنى ھەر بىرى 1يېرىم گىرامدىن دۇرىلارنى چالا سۇقۇپ 2500كىلو سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئۇندىن كىيىن 1يېرىم كىلو قالغىچە قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە 100گىرام ئاپتاپى گۈلقەنت سېلىپ تەييارلىنىدۇ، بۇنى 5كۈن كۈندە 3ۋاخ 100گىرامدىن ئىچىدۇ، مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە 3قېتىم تەييارلاپ 15كۈن بىرىلىدۇ، ئۇندىن كىيىن مۇسھىلى ئۈچۈن يۇقارقى دۇرىلارغا سانايى مەككى 21گىرام، تۇربۇت(ياغىچى تاش پۇستى قىرىۋېتىلگەن) 3گىرام، غارىقۇن 1يېرىم گىرام قۇشۇپ بىر قېتىم تەييارلاپ 5كۈن بىرىلسە بۇلىدۇ، كۆيگەن سەپرادىن بولسا باسلىق تۇمۇردىن قان ئالغاندىن كىيىن قاننى تازىلاش ئۈچۈن مۇشۇ شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ.

تەركىبى: بىھى ئۇرۇغى 3گىرام، چىلان 30دانە، مۇرەككەپ قىزىلگۈل ئەرقى(قىزىلگۈل، شوخلا، بەدىيان، كاسىنە، ئەپتىمۇن ھەر بىرى 200گىرامدىن 5كىلو ئەرەق چىقىرىلىدۇ)، نىلۇپەر شەربىتى 25مىللىلىتىر، يۇقارقىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بىھى ئۇرۇغىنىڭ، چىلاننىڭ لۇئابىنى يۇقارقى ئەرەقتە چىقىرىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە 3ۋاق 100گىرامدىن ئىچىدۇ.

ئەگەر ئەمچەك راكىدا ئېچىشىش كۈچلۈك بولسا تۈۋەندىكى دورىلار بىلەن مەلھەم تەييارلاپ چېپىلىدۇ.

نۇسخىسى: كۆك كاسىنە سۈيى، كۆك شوخلا بەرگىنىڭ سۈيى، كۆك يۇمغاقسۈت سۈيى، ئوسۇڭ سۈيى ھەر بىرى 50گىرامدىن، كاپور 3گىرام، گىل ئەرمىنى 12گىرام قاتارلىق دورىلارنى سۇقۇپ، 30مىللىلىتىر گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىلىدۇ.

ئاغرىش كۈچلۈك بولسا بەرگى شوخلا، كەشنىز، سېرىق چىچەك، ئاق لەيلى بەرگى، پوستى خەشخاش ھەر بىرى 30گىرامدىن ئوبدان سۇقۇپ خېمىردەك قىلىپ چېپىلىدۇ.

سەرتان جاراھەتلىك بولسا تۇتىيا، گىل ئەرمىنى ھەر بىرى 6گىرامدىن، شادىنەچ، ئەدەس مەغسۇلى 12گىرام، نىشاستە، قىزىلگۈل ھەر بىرى 18گىرامدىن دورىلارنى سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ جاراھەت يۈزىگە تېڭىلىدۇ.

بىزنى قوللاش نىيتىڭىز بولسا ئىلان چىكىپ قوللاپ قۇياسىلەر!

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111