باللاردىكى يەل كىندىك كىسىلنى داۋالاش

ۋاقتى 2012-05-08 13:16 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟  ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!

بۇ،يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق، ئېمىۋاتقان بالىلارنىڭ كۈچىنىپ كۆپ يىغلىشى نەتىجىسىدە، كىندىك ئاستىدىكى سېرىق ئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە يىغلىغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە يىغلىمىغاندىمۇ كىندىكى چوڭلىرى تۇخۇمدەك، كىچىكلىرى چىلاندەك چوڭلۇقتا پولتىيىپ چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى :
1) بالا جىم ياتقان ۋاقتىدا چىققان كىندىكىنى بېسىپ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىپ، چىققان كىندىكنىڭ چوڭلۇقىچىلىك پاختىنى كاللەكلەپ، كىندىك ئۈستىگە قويۇپ، ئۈستىدىن قەۋەتلەنگەن داكا بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇپ تېڭىۋېتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىر نەچچە ۋاقىت يىغلىسىمۇ چىقالمايدىغان قىلىۋېتىلسە، بارا-بارا چىقمايدىغان بولىدۇ.زۆرۈر تېپىلغاندا، مەجۈنى جاۋارىش كۇمۇنى (126-نۇسخا) دىن بىر ئاز ئېلىپ سۇدا ئېرىتىپ، بالىغا ئىچۈرۈپ  بەرسە بولىدۇ.
2)تۆۋەندىكى زىمادلارنى قويۇپ تېڭىپ بەرسە بولىدۇ:
(1)زىمادى پەتەق1
جۇۋىنە، سەبرە، يىلان تۇخۇمى  ھەربىردىن 10گىرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد قىلىپ، يەل كىندىكى ئۈستىگە چىلاندەكتىن قويۇپ تېڭىۋېتىلىدۇ. 3 كۈندە 1قېتىم تېڭىق ۋە دورا ئالماشتۇرۇلىدۇ.
(2) زىمادى پەتەق 2
مەستىكى رۇمى، ئەنزۇرۇت، كۇندۇر، جويۇر، ئاقاقىيا، زەمچە، سەبرە سۇقۇتىرى، جۇۋىنە، زىرە ھەر بىردىن10گىرام ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،45گرام بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ  تەييارلىنىدۇ، تېڭىش ئۇسۇلى ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش.
(3) زىمادى پەتەق 3
مەستىكى رۇمى، ئەنزۇرۇت، كۇندۇر، جويۇز، قارىغاي يوپۇرمىقى، ئاقاقىيا، ئانار گۈلى، مۇرمەككى، پىرسىياۋشان، زەمچە، رۇسۇت، ئارچا مېۋىسى، سەبرە سۇقۇتىرى ھەربىردىن  10گرام ئېلىپ،20گرام بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلىنىدۇ.ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئالدىنقىسغا ئوخشاش.بىراق بۇ،چوڭراق بالىلارغا ئشلىتىلىدۇ.                   (يەكەن ھۆكۈمالىرىنىڭ تەجىرىبىسىدىن ئۆتكەن)
3)يەر مەرىزىنىڭ قۇرۇقىدىن ئېلىپ ئېزىپ،سىركە، بېلىق يېلىمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ چىقىپ قالغان كىندىكى، كىچىك بالىلارنىڭ پەتەق كېسەللىكى ۋە باشقا پەتەقلەرگە ئىشلەتسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابىتىدە تەجىربىدىن ئۆتكەن رىتسىپلا دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111