جىنسى ئاجىزلىق ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

ۋاقتى 2012-05-12 12:24 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 15 قېتىم

بۇ كۈپۈنچە بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، سۇزۇلما كىسەلىكلەرنى ئاسارىتى، جىنىسى ئەزانىڭ مىزاجى ئسىقىلىق ياكى سوزوقلۇقتىن بۇزۇلىشى، جنسى ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ياكى ئۇرۇقداننىڭ زەخملىنشىدىن، ياكى مەس قىلغۇچى ئىچىملىك – چىكىملىكلەرنىڭ تەسىرى ۋە روھى زەربە، پىسخولوگىيلىك ئاملىلار تۈپەيلدىن كىلىپ چىقىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ پەيدىن – پەي ئېزىرلىشىپ باردىغان جىنسى ئىنتىلشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەم بۇلىشى، قوزغۇلۇشنىڭ بارا – بارا سۇسلىشىشى ۋە پۈتۈنلەي يۇقۇلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلندۇ.
بۇرۇن بۇ كىسەللىك ئەرلەدىلا كۈرلىدۇ دەپ قارالغان. لىكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاياللاردىمۇ جىنسى ئاجىزلىق بۇلىدىغانلىقى بايقالدى ۋە ھەرقايسى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ژورناللاردا بۇ توغرىدا ماقالىلەر ئىلان قىلىنغان. مەن بۇ يەردە ئەرلەردىكى جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالاشنى سۆزلەپ ئۈتىمەن.
داۋالاش ئۇسۇلى
جىنسى ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن،شۇڭا خۇسۇسىيتى ۋە ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.تولۇق داۋالاش مەقسىتگە يىتىش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى توغرا تەھلىل قىلىش، توغرا دىئاگنۇز قويۇش كىرەك. دىئاگنۇز توغرا بولسا ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
جىنسى ئاجىزلىق بەدەن ئاجىزلىقىدىن  كىلىپ چىققان بولسا:
1)ئۇمۇمى بەدەننى كۈچەيتىدىغان، قان كۆپەيتىدىغان ئۇزۇقلۇق ۋە دورىلار ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن،ئەركەك قوي گـۆشى، موزاي گۆشى، بۆدۈنە، كەكلىك، قۇشقاچ گۆشلىرى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇلىدۇ. ئىلىتىلغان تۇخۇم،زىخ كاۋىپى، ياڭاق، پىستە، بادام مېغىزلىرى، چىلغۇزا، پىندۇق، نارچىل قاتارلىقلار بەدەننى قۇۋەتلەش، قاننى كۆپەيتىش جەھەتتە  كۆرۈنەرلىك تەسىر بىرىدۇ.يۇقۇرقى ئۇزۇقلۇقلار بۇغداي نېنى ۋە بۇغداي ئۇنى تاماقلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ توغرا ئۇزۇقلاندۇرۇش تەرتىپى تۈزۈپ چىقىپ ئىستىمال قىلدۇرۇلسا، ياخشى نەتىجە بېرىدۇ.
2)ئەتتىگەنلىك ناشتىدا قىزىل كىشمىش، ياڭاق مېغزى، بادام مېغىزى ھەر بىردىن 20گرامدىن، ھەسەلدىن 100گرام، تۇخۇمدىن 1دانە ئۈزمەي يىيىشكە بۇيرىلىدۇ.
3) ئۇزۇقلىنىشنى  ياخشىلاش بىلەنلا قانائەتلەنمەي بەدەننى چېنىقتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىش، مۇۋاپىق جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، روھى كەيپىياتنى جانلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار تەڭ قوللىنلىدۇ.
4) مائۇللەھمى 50مىللىلىتىردىن كۈندە 3 ۋاخ، ھالۋايى بەيزە(كەم قانلىق كىسەللىكىنى داۋالاشقا قارالسۇن)15 گرامدىن كۈندە 3 ۋاخ ئاساسلىق بىرىلىدۇ. بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ مەجۈنى ماددەتۇلھايات 6گرامدىن كۈندە 2 ۋاخ، شەربىتى زەبىب  ياكى شەربىتى رۇممان لارنىڭ بىرسى 50 مىللىلىتىردىن كۈندە 3 ۋاخ قوشۇپ بېرىلىدۇ.
5)جىنسى ئاجىزلىق بەدەننىڭ ئۇرۇقلۇقى ۋە قۇرۇققلىقىدىن كىلىپ چىققان بولسا، داۋائىلتەرەنجىۋىل بېرىلىدۇ.
نۇسخىسى:تەرەنجىۋىلدىن 500 گرام، 1.5 لىتىر ئېلىپ، تەرەنجىۋىلنى تازىلاپ ئۈستىگە سۈتنى قۇيۇپ ئاستا ئوتتا قاينىتىلدۇ.
ئاندىن ئوتتىن ئېلىپ بىر سائەت قويۇپ تىندۇرۇپ، ئۈستىدىكى سۈينى سۈزۈۋېلىپ، چۆكمىسنى تاشلىۋېتىپ، ئاستا ئوتتا داۋاملىق قاينىتىلسا قۇيۇقلىشىدۇ.بۇ دورا كۇنىگە 2 قېتىم ياڭاق چوڭلۇقىدا يېيىشكە بېرىلىدۇ.
باشقا سەۋەپتىن بولغان جىنسى ئاجىزلقنى ئىنكاسقا قاراپ يوللاي .
ئۇيغۇر تىبابىتىدە تەجىربىدىن ئۆتكەن رىتسىپلا دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

ھالقىلىق سۆز:
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111