لوئوق دورىلارنى ياساش ئۇسۇلى

ۋاقتى 2012-05-02 07:05 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

لوئۇقلار(يالانچۇق) لار_يالاپ ياكى شۈمۈپ ئىستىمال قىلىدىغان قۇيۇق دورا ياسالمىسىغا قارىتىلغان. ئەمما ئۇ مەجۈندىن سۇيۇق، شەربەتتىن قۇيۇقراق ياسىلىدۇ. ئۇ مەخسۇس گال، كاناي ۋە كۆكرەك كىسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
لۇئۇقلارنى تەييارلاشتا نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن دورىلارنىڭ تەبىئىيتى، لوئۇق تەييارلاش تەرلەپلىرىگە ئاساسەن ئۆز تەرتىپى بىلەن ياسىلىدۇ. ئادەتتە بىرقىسىم دورىلارنى چالا سوقۇپ 1:5 نىسبەتتە قايناقسۇغا بىر كېچە چىلاپ 3\1 قالغىچە قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈپ،شېكەر ياكى ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ.سوقۇپ تەييارلاپ قويغان بىر قىسىم دورا تالقانلىرىنى قىيامغا سېلىپ ياخشى قوچۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىلىدۇ. بەزىلىرى دورا لۇئابىغا ياكى قاينىتىپ سۈزۈلگەن دورا سۈيىگە قوشۇپ ياسىلىدۇ.
1)لوئۇقلارنىڭ قىيامى كۈچلۈك(چىڭ)بولۇشى كېرەك.
2)بېھى ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل لۇئابلىرىنى ئېلىشتا بىر ھەسسىگە بەش ھەسسە قايناقسۇ قويۇپ شىرىسى چىقىرىلىدۇ. ئىسپىغۇل سوقۇلمايدۇ. نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن لۇئاب مىقدارى كەم بولۇپ قالماسلىقى لازىم.
3)ئادەتتە، لوئۇقلارنى ياسىغان ھامان ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ قىزىق پېتى قاچىغا ئالماسلىق ھەمدە قاچىلارنى ناھايتى پاكىز، قۇرۇق بولۇشى، ئاغزى چىڭ يېپىلشى لازىم. ئەمما باشقا قۇيۇق دورا ياسالمىلىرىدەك بىر مەزگىل ساقلاش ھاجەتسىز.

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111