تىۋىپ ۋە تىۋىبەلەر بۇ ئۇكۇمىزنى بىر داۋالاپ باقامدۇق؟

ۋاقتى 2012-04-30 17:44 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

بۈگۈن بىر ئايالنىڭ يىغىسى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ھالغا يىتەي دىسەم كۈزۈم تازا يەتمىدى. قېنى بىر ئورتاقلىشىپ باقايلى.
بىمارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى: بىمار  10 ياش، ئوغول، 8 يىل بۇرۇن يەنى 2 ياش ۋاختىدا يىقىلىپ چۈشۈپ شۈك ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ئاتا-ئانىسى سەلقاراپ تەكشۈرتمىگەن. 7 ئايدىن كىيىن بالىدا تارتىشىش، ھەس – ھۇشىنى يۇقۇتۇش ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ھەرقايسى دەرجىلىك دوختۇرخاندا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش نەتىجىسىدە ياخشىلانغاندەك بولغان. لىكىن ئىقتىساد مەسلسى تۈپەيلىدىن داۋالىتالماي قالغان. بالا گەرچە 10 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لىكىن ئەقلى ئىقتىدارى شۇ 2 ياشلىق بادەك بۇلۇپ ئانا، دادا دىگەن گەپتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. تۇمۇرنى تۇتقاندا بالنىڭ مىزاجى سەۋدانى ئاساس قىلغان، لىكىن ئاغزىدىن شۇلگەي ئېقىپ تۇرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ‹ مىڭە قانتۇمۇرلىرى تارايغان ھەم بىر غول قانتۇمۇر چاپلىشىپ قالغان› دىيىلگەن.  ئىقتىساد تۈپەيلى بۈگۈنگە قەدەر داۋالنالمىغان بالنىڭ ئانىسى يېقىندا مەن داۋالغان بىر بىمار ئارقىلىق مىنى ئىزلەپ كىلىپ بالسنى داۋالاتقۇسى بارلىقنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ‹ مۇمكىن بولسا داۋالاپ بەرسىڭىز، بۆرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ بۇ بالامنى ساقايتسام دەيمەن› بۇ بىر ئانىنىڭ بالغا بولغان مىھرى يىغىنچاقلانغان سۆز بولسا كىرەك.
رەت قىلىشقا ئاغزىم بارماي 3 كۈنلۈك مۆھلەت سۇرىدۇم. كەسىپداشلار بولسا بۇ ئىنىمىزنى بىرلىكتە بىر داۋالاپ باقساق. مىنىڭ داۋالاش لاھىيەم مۇنداق: سەۋدا خلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بىرىش بىلەن بىرگە مەجۈنى نۇجاھ، داۋائى مىشكى بىرىپ ماددا پىشقاندىن كىيىن شەربىتى ئۇستىقۇددۇس تەييارلاپ بىرەي دەيمەن. قانتۇمۇر كىڭەيتكۈچى دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ ئىشلەتسەم بۇلامىكىن دەيمەن.
ئەندىشەم: بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپ بولمىسىمۇ لىكىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەن،  ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىلار سەل ئاچچىق ئىستىمال قىلىشى تەس بۇلامۇ؟   سىلەرچە بۇ خىل كىسەللىكنى داۋالاپ ئۈنىمىنى كۆرگىلى بۇلامۇ؟
بولسا ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىپ ياخشىراق بىر داۋالاش لاھىيەسى تاپساق بۇلاتتى. ئەگەر ئاراڭلادا بۇخىل ئەھۋال ئۇچىراپ ھەل قىلغان ھەكىم ۋە ھەكىمەلىرمىز بولسا ئادىرسىڭلارنى قالدۇرساڭلا بىمارنى ئەۋەتسەممۇ بۇلىدۇ.

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ھالقىلىق سۆز:
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان2 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. ئاقىل مۇنداق دىدى:

    مىنىڭچە كىسەلللىك ئالامىتى 8 يىل داۋاملاشقان بولسا ئۇ دورىلار كۈڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بىرەلمەسلىكى مۇمكىن كىسەللىك باشلىنىپ 1يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا سىزلە دىگەن دورا بەك ماس كىلەتتى دەپ ئويلايمە.مىڭىدە تۇسۇلۇش بولغانكىن قان تۇمۇردا چاپلىشىش بولغانكىن .بالىنىڭ بۇندىن كىيىن بۇيى ئۈسكەن بىلەن ئەقلى ئىقتىدارى مىڭىپ تۇرشى دىگەنلەر 2ياش ھالەتتە تۇرمۇزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن كىيىنچە پالەچ بۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن .لىكىن ئىغىزدىن شال ئېقىشىمۇ يانىلا مىڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك .تۇتقاقلىق كىسەلنىڭ پەيدا بولىشىمۇ مىڭىگەقان ئوكسىگىننىڭ ۋاختىدا يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن .لىكىن تۇتقاقلىقنى كونتىرول قىلغىلى بولىشى مۇمكىن ..چچ 767098018

  2. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    رەھمەت سىزگە. بولسا داۋالاش لاھىڭىزنى ئوتۇرغا قۇيۇپ باققان بولسىڭىز

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111