ئەلسىھەت بىلوگى ئەسلىگە كەلدى!

ۋاقتى 2012-03-27 12:20 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ بىلوگۇم ئېچىلىپ ھازىرقىچە بىرنەچچە قېتىم توختاپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنراق توختىغان ۋاختى بۇ قېتىمقىسى بۇلۇپ ئىسىمغا icp بىجىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسىمنى باشقا بوشلۇققا ئۇلاپ تۇرغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن icp چىقىپتۇ. سىلەرمۇ بەلكىم بىلوگىمنى سېغنغانسىلەر. لىكىن مەن بەك سېغندىم. ھەرقېتىم تىلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلسە icp ئۇچۇرى بولسا ئىدى دەپ ئۈمۈت بىلەن قارايمەن. بۈگۈن كۈتكەن ئۇچۇرۇم ئاخرى كەلدى. ھاياجاندىن ئىشخاندا توۋلىۋەتتىم ھەم ئىشتىن چۈشۈش ۋاختىنى سىكىنۇت ساناپ دىگەندەك ئاران تولدۇرۇپ ئەسلىدىكى بوشلۇققا ئىسىمنى باغلاپ بىلوگۇمنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم.
مۇشۇ يازما ئارقىلىق ئىسىمنىڭ icp رەسمىيتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئاغىنەم جۇلا ئونۋىرسال سەنئەت تور بىتىنىڭ قۇرغۇچسى جۇلا ئەپەندىمگە ئالاھدە رەخمەت ئېيتىمەن. جۇلا ئەپەندىمنىڭ ياردىمدە يېقىندا تورداشلارنىڭ مەسلىھەت سۇراش ۋە پىكىر ئالماشتۇرشىغا قۇلاي بولغان ئەلسىھەت مۇنبىرى ھۇجۇتقا چىققۇسى. تورداشلارنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئەلسىھەت بىلوگنى قوللىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان بىكەت ۋە بىلوگىلاردىن ئۇلىنىشنى ئېلىۋەتكەن ئاتامانلار بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھەپتە ئاخرغىچە ئۇلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمگەن بىكەتلەرنىڭ ئۇلىنىشنى ئۈچۈرىمەن. دوسلارنىڭ توغرا چۈشنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان2 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. ھىكمەت مۇنداق دىدى:

    بىلوگىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىدىن خۇش بولدۇم بۇرادەر، icp رەسمىيتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىجىرۋاپسىز، مۇبارەك بولسۇن !

  2. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    رەھمەت قېرىندىشىم.

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111