ئۇيغۇر تىبابىتى دورا ياسالمىلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى دورا ياسالمىللىرى يەنى ياسلىش شەكلى توغرىسىدا توختىلىپ ئوتماكچىمەن.
ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلدىغان دورا ياسالمىلىرى دورىلارنىڭ تەبىئيتى ۋە داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن،مۇئەييەن تەييارلاش قائىدە-ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەرخىل شەكىلدە تەييارلانغان دوراياسالمىلىرىغا قارىتىلغان. ئۇ، دورا شەكىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1.قۇيۇق دورا ياسالمىلىرى 2.قاتتىق دورا ياسالمىلىرى 3.سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى 4.تالقان دورا ياسالمىلىرى
يۇقىرىدىكى تۆت چوڭ تۈردىكى دورا ياسالمىلىرى يەنە تەركىبى،ياساش ئۇسۇلى،ئىشلىتىش ،ئورنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تەسىرى،ھەتتا تەمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن كۆپ خىلغا،جەمئىي تۆۋەندىكىدەك60نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ:
قۇيۇق دورا ياسالمىللىرى: تەرياقلار، جاۋارىشلار، خېمىرلار، زىمادلار، گۈلقەنلەر، لوبوبلار، لوئوقلار، مەلھەملەر، مەجۈنلەر، مۇپەررىھلەر، ئىتتىرفىللار، ئايارەنجلەر دىن ئىبارەت.
قاتتىق دورا ياسالمىللىرى: بانادۇقلار، شىيافلار، قەنىتلەر، فەرەنجىلەر، قۇرۇسلار، ھەبلەردىن ئىبارەت.
سۇيۇق دورا ياسالمىللىرى: ئەرەقلەر، تىزاپلار، پاشۆيالار، ياغلار، ئىسكەنجىبىنلەر، شەربەتلەر، قوتۇرلار، لۇئابلار، مەتبۇخلار، مۇراببالار، نۇقىئىلار، ھۆنەقلەر، ئۇكۇللار دىن ئىبارەت.
تالقان دورا ياسالمىللىرى: زورورىلار، سىفوفلار، سۇنۇنلار، كوھلىلار، دىن ئىبارەت بۇلۇپ يۇقارقىدىن باشقا ئابزەنلەر، ئەتۈسلەر، بوخورلار، تەدھىنلەر، تىللالار، جەۋھەرلەر، داۋائىلار، سەكبلەر، سۇئۇتلار،شەمۇملار، غەر-غەرلەر، فۇلۇنىيالار، كاپسۇللار، كەشكابلار، كەمەتلەر، لەخلەخلەر، مائۇللار، مەز-مەزلەر، مۇسەللەسلەر، نوپۇخلار، نوتۇللار، ھومۇللار، ۋۇجۇرلار،ئىنكىبابلار، ئىچىلىدىغان سۇيۇقلۇقلار، ياقۇتلار دىگەن تۈرلىرى بار. بۇ سەھىپىمىزدە ئاساسلىق يۇقارقى دورا ياسالمىللىرنىڭ تەييارلىنىشى، ئىشلىتىلىشى، ئارتۇقچلىقى ۋە كەمچىللىكى ئۈستىدە توختىلىمىز. يۇقارقى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق ئەلسىھەت بىلوگىدا بولسۇن. ئىلان چىكىشنى ئۇنۇتماڭ.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- باللاردىكى يەل كىندىك كىسىلنى داۋالاش
- ئۇلتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى ۋە يانپاش ئاغرىقى
- ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز
- بۇۋاسىر چۈشەنچىسى ۋە داۋالاش
- قەۋزىيەت توغرىسىدا ئىككى كەلىمە
- تورداشلار بىزنى كەچۈرۈڭلار
- ھەببى تۇربۇت
- پادىشاھ نوشېرۋانى ئادىلنىڭ ئۆز ۋەزىر بۇزرۇكمېھىرگە بەرگەن سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى
- پۇل تاپقۇڭىز بامۇ؟
- پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ خانىم -قىزلار سالامەتلىكىگە بولغان 5چوڭ زېيىن