<<ئىپار>> نى قىسقىچە تۇنۇش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟
بۇ ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت منبىرىدىكى ئالىم ئەپەندىنىڭ يازمىسى بۇلۇپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇش ئۈچۈن يۆتكەپ كەلدىم. قېنى ئۇقۇپ بېقىڭ.
<<ئىپار>> نى قىسقىچە تۇنۇش
ئوردۇچە نامى: كىستورى
ئەرەپچە نامى: مىسكى
پارىسچەنامى: مىشكى
خەنزۇچەنامى: 麝香
ئىنگىلىزچە نامى: Forest musk
تۇنۇش:
بۇ بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئىپار كېيىكنىڭ ئەرلىك جىنسي پۇراقلىق بەز خالتىسى<<كىندىك>>نىڭ قۇرۇتۇلغان سۇيۇقلۇقى بۇلۇپ <<ئىپار>> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. رەڭگى قىزىلغا مايىل قۇڭۇر، تەمى ئاچچىق- چۇچۇك، پۇرۇقى خۇش پۇراق، سەل مايلىشاڭغۇ كىلىدۇ تەنەرقى بازانىڭ ئىگز پەسلىگى ۋە دۇرىنىڭ ياخشى ناچارلىغى سەۋەپلىك 5000 مىڭ يۇەندىن 500 مىڭ يۇەن ئەتراپىغىچە ھەر(kg)مى دىمەك ياخشىسى ئالتۇندىن قىممەت دىگەن گەپ خى خى خى
تەبىئتى:
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئۈچۈنچى دەرىجىدە ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى:
كۈڭۈلنى شادىمان قىلىدۇ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلايدۇ، يۈرەكنىڭ ،ئۇمۇمى بەدەننىڭ ھارارىتىنى كۈچەيتىش، سىپازما بوشىتىش ،تەبىئەتنى قۇۋۋەتلەش، ئىچكى ۋە تاشقى سەزگۇ ئەزالار (نېرىپلار) نىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ھەم قۇۋۋىتىنى قوزغىتىش ،باھنى قۇۋۋەتلەش، نەپەسنى راۋنلاشتۇرۇشقا ياردەم بىرىش،
ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر:
يۈرەك ئاجىزلىق،يۇرەك سانجىقى،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك قوزغىلىش، يۈرەك تىتىرەش، مىڭە ئاجىزلىق ،مالخۇلىيا ،سەرئى، سەكتە،جۇنۇن، مىڭىگە ئوكسىگىن قان يىتىشلەسلىك،ئۇنۇتقاقلىق،نېرۋا ئاجىزلىق، پالەچ،لەقۋا، بىھۇشلۇق، ھىستىريە، تەشەننۇچ، رەئىشە،باش ئاغرىقى، پەي مۇسكۇل كىسەللىكلىرى ،كۆكيۇتەل ،زىققە ،باھ ئاجىزلىق، ئەرلەردىكى ئۇرۇق پىچەك بۇلۇش، پەرزەنت كۇرەلمەسلىك، ئاياللاركىسەللىكى،ۋە تۇغماسلىق ئاياللاردىكى ئەرنى خالىماسلىق، جىنسىيەت تۇرمۇشدىن بەھىر ئالالماسلىق ، شۇنداقلا ئۇمۇمى بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ،قۇۋۋەت يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەرخىل كىسەللىكلەرگە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
(1) ئىپارنىڭ ئۈزىنى ئايرىم ئېلىپ پۇرىسىمۇ سەرئى ،سەكتە ،زىققە، ھىستىريە، قاتارلىق كىسەللەرگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ سوغوقتىن بولغان باش ئاغرىقىغىمۇ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ،بۇرۇندىن سۇ ئېقىشنى توختۇتىدۇ، ئۇمۇمى بەدەندىكى كەم قۇۋۋەتلىكنى ياخشىلايدۇ.
(2) ئىپاردىن ئازراخنى يېنىدا ساخلاپ دائىم پۇراشقا ئادەتلەنسە دائىم ياكى ئارلاپ ھۇشىدىن كىتىدىغان ئەھۋاللارغا ۋە شۇخىلدىكى ئالامەت بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سەرئى(تۇتقاقلىق كىسەل)، ھىستىرىيە(توي قىلمىغان قىزلاردا ئوغۇللارغا قارىغاندا كۆپ كۈرۈلۈدىغان ھۇشۇدىن كىتىپ ئاغزىدىن كۈپۈك يانماسلق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان)كىسەللىكلەرگە داۋالايدىغان خۇسۇسىيەتنى بىرىدىغان ئالاھىدە دۇرا .
(3) زەيتۇن يېغى 50مىللىلىتىر ،زەپەر 5گىرام ، ئاقىرقەرھا 5گىرام ،قۇندۇز قەھرى 10گىرام ئىپار بىر گىرام ئېلىپ ئېغىزى تۇللۇق ئىتىلىدىغان ئەينەك ياكى خىرۇستال قاچىغا سېلىپ ئاپتاپتا 15كۇندىن 25كۇنگىچە قۇيۇپ ئاندىن سۈزۈۋېتىپ ياكى سۈزمەي زىمات شەكلىدە بۇغۇمغا تاڭسا سوغوقتىن بولغان بۇغۇم ياللۇغىغا ياخشى ياكى يېغىنى پالەچ، لەقۋا ،ئىستىرخا ،ۋە سوغوقتىن بولغان ھەر خىل ئاغرىقلارغا ئىشلەتسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
زىيانلىق تەسىرى:
ئسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ شۇنداخلا مىزاجنىڭ ئىسسىقتىن بۇزىلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان باشقا ئەھۋاللارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن قىززىتمىلىق كىسەللەرگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى :
قىزىلگۇل ،ئەينولا ، نىلۇپەر ،
ئۇرۇن باسارى:
قۇندۇز قەھرى ، ئەنبەر ، سازەچ ھىندى .
چىقىش ئورنى :
جۇڭگۇ ،ھىندىستان ،ۋېتنام ،رۇسسىيە ،قاتارلىق ئىپار كىيىك ياشاشقا قۇلايلىق شارائىتى بار رايۇنلاردا ياشايدڭغان ئىپار كىيىكلەردىن چىقىدۇ .
پىششىق دۇرا ياسالمىسى :
داۋائىمىشكى ،جاۋارىش مىشكى ، خېمىر مەرۋايىت ، خېمىر گاۋزىبان ، مۇپەررىھ ياقۇت ،مۇپەررىھ ئەبرىشىم .
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- جىنسى ئالاقىگە مۇناسىپ ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا
- يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيىسى
- باللاردىكى يەل كىندىك كىسىلنى داۋالاش
- ئەلسىھەت تورداشلاردىن كەچۈرۈم سۇرايدۇ!
- ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى ئېچىلدى!
- پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق
- باھ ئاجىزلىقى
- قەنىت سىيىش كېسەللىگى (دىئابىت)
- يۈرەك مەنبەلىك ئايلىنىپ كىتىش
- ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىبابەت ئۇستازلىرى(1)