سىز بولسىڭىز قانداق قىلىتىڭىز؟
سىز بولسىڭىز قانداق قىلىتىڭىز؟
ئوزۇن بوپتۇ ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يازمغىلى، بۈگۈن قۇلۇم سەل بۇشاپ قالدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دوسلار بىلەن بىر مەسلىنى ئورتاقلىشاي دىگەن.
خوش گەپنى بۇرۇندىن باشلىساق بۇلىدۇ ئەمدى.
شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان چاغلىرىمدا بىر نەچچە تەقىۋا ئاغىنلەر بىلەن دىيىشىپ ئايلىق مائاشىمىزنىڭ مەلۇم قىسمىنى ‹ زاكات ھىسابىدا › بىر كارتىغا قۇيۇپ ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە بىرىشنى توغرا تاپتۇق.
مەن دوختۇرخاندا بولغاندىكىنمۇ باللار كارتىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى.
يىللار ئۈتۈپ كۈنلەر ئۈتۈپ بۇ پۇلنىمۇ يېغىپ، خەجلەپ كىتىپ باراتتۇق.
بۇلتۇر قىشتا بىر ئاغىنەم بۇ خەزىندىن 250 يۈئەن بىرىشىمنى ئېيتتى. سەۋەبنى ‹ شۇ يولدا كىتىپ بارسام 2 قىزچاق كىلىپ ياردەم سۇرىدى قارىسام ئۇقۇغۇچى قىزلاردەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچىم ئاغرىپ يېنىمدا با 250 نى بەردىم › دىدى. مەنمۇ كارتىدىن 250 نى ئاجىرتىپ بەردىم.
بىرنەچچە كۈن ئۈتۈپ ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ قارىسام ياتاقتا ئۇ ئاغىنەم بىلەن چىرايلىق بەك بەك چىرايلىق 2 قىز ئولتۇرۇدۇ. ئەدىمەتچىلىك يۈزسىدىن سالام قىلىپ بۇلۇپ ئۆز ھۇجۇرامغا كىرىپ ئولتۇردۇم.
بىردەمدىن كىيىن ئۇ ئاغىنەم كىرىپ ‹ ھېلىق مەن ياردەم قىلغان قىزلا شۇلا ئىدى. رەخمەت ئېيتقىلى كەلگەن چېغى ئىشتىن چۈشسەم تىلفۇن قىپتىكەن بۇيەرگە كىلىشنى ئېيتتىم. بىردەم ئولتۇرۇپ قايتىپ كىتىدۇ.› دەپ چۈشەنچە بەردى.
ئەزەلدىن ئارتۇق ئىشقا ئارلاشمايدىغان مەن ‹ مەيلى› دەپلا جاۋاپ بەردىم دە ئۆز ئىشىم بىلەن بولدۇم.
كەچ بولدى ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باستى. لىكىن ئۇلار كىتىدىغاندەك ئەمەس. ھىلى كىتە، مانا كىتە بىلەن خۇپتەن نامىزمنىمۇ ئۇقۇپ بولدۇم. لىكىن كىتىدىغاندەك ئەمەس.
ئاغىنەم بەك خىجىلچان بولغاچقا يا تۈزۈك گەپ سۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشقىرغا چىقىپ ئۇلار بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئاساسى ئەھۋالنى بىلىپ بولدۇم.
ئۇلار ھەققىدە‹ ئۇلار مۇشۇ يەردىكى مەلۇم ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى بۇلۇپ ئائىلىسدە قىيىنچىلىقى بار باللار ئىكەن. تۈنگۈن ئۇلارنى قىشلىق تەتىلگە قۇيۇپ بەرگەن بۇلۇپ بىزگە رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۈگۈن ئۈيىگە ماڭالماپتۇ› .
ئالە شەھرىڭنى دىمەك ئۇلارنىڭ بۈگۈن كەچتە باردىغان يىرى يوقكەن دىگەن گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش تۇرسا. قانداق قىلىش كىرەك؟ سىرىتتىن ياتاق ئېلىپ بىرلى دىسم ياتاقلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قالايمىقان. ھېلقى تۈركىيە فىلىمى ئادانالىق چاككىرنىڭ قىزى سوفىيە ئۇچىرىغان قىسمەتكە قالامۇ؟ ئۆيدە قالسۇن دىسەك بىلىسىز شەھەر ئۆيلىرنى بۇ 80 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆيدە ئىككى قىز ئككى ئوغول يېتىش بەكمۇ بىئەپ. ئۇلارغا ئۆينى قۇيۇپ بىز سىرىتتىن ياتاق ….. ياق ، ياق ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ھېلقىدەك زامانىۋى ئالدامچى بولسا 4 يىلدىن بۇلان تۇتقان ئۈيىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى ……
ئاخىرى ئاغىنەمنى چاقىردىم دە بىز مىنىڭ ھۇجىرامدا، ئۇ قىزلار سىنىڭ ھۇجىراڭدا ياتسۇن دىدىم.
شۇنداقى قىلىپ ياتماقچى بولدۇق. لىكىن ئۇ قىزلار تىلۋۇزۇر كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ يا ئېيتاۋۇر تىلۋۇزۇرنىڭ ئاۋازىنى بەك يۇقۇرى قۇيۋالغان ھەم قۇيلىۋاتقان فىلىمدىكى ۋەقەلىككە بىردەم كۈلۈپ، بىردەم يىغلاپ ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىچىمنى بەكمۇ سىقتى. قانداق قىلىمەن ئۇلار بىمىلا بولمىسۇن مىھماندە.
قانداق ئۇخلاپ قالغنىمنى بىلمەيمەن. بىرچاغدا ‹ نىمە ئىشبۇ؟ چىقىشە ئۆيدىن› دىگەن ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. نىمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە يەنە شۇ تۇنۇش ئاۋاز تەكىراللاندى.
ئاستا چىقىپ قارسام ھېلىقى دوستۇمنىڭ چىرايدا قانمۇ قالماپتۇ. ھەدەپ ئاچچىقتاپ كىملەرنىدۇ تىللاۋاتاتى.
ئاستا بۇيۇنداپ قاراپ چۈچۈپ كەتتىم. ئاللا، ئاللا نىمەگەپ بۇ بايا كۈزۈمگە پەرشتىدەك چىرايلىق كۈرۈلگەن 2 قىز ئەمدى ئىشرەتخاندىكى بۇزۇقلاردەك، تىلۋىزىيە ئىلانلىردىكى ئىچ كىيىم مودىللىردەك تۇراتتى.
غۇززىدە ئاچچىقىم كەلدى دە كىرگەنچە ئالدىمغا كەلگەن بىرىنى 2~3 كاچات سېلىپ كىرىسلو ئۈستىدىكى سېلىنغان كىيىملىرنى زەردە بىلەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئاتتىم.
‹ تىز كىيمىڭنى كىيىپ يۇقۇلىشە بۇزۇقلا، ئادەمنى ئەل جامائەت ئالدىدا رەسۋا قىلىشماي تىز يۇقۇلۇش› شۇگەپلەرنى دەپ بوپ نامەھۋەمدىن يىراق تۇراي دەپ تەسبىھ ئېيىتىپ ھۇجىرامغا كىرىپ قارىسام سائەت 2:00 بوپتۇ.
ھەي قانداق قىلىش كىرەك؟ سىرىت بەك سوغوق ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ تەلەتدىن زەھەر چىكدىغنى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. ناۋادا سىرىتتا توڭلاپ ئۈلۈپ قالسا ئۇۋالى بوپ قالامدۇ قانداق؟
بۇلارنى ئويلاپ ئاغىنەم بىلەن مەسلەتلەشتۇق. ھەرنىمە بولسا ئۇلارنىڭ دەردىنىمۇ بىر ئاڭلاپ باقلى. قۇلۇمىزدىن كەلسە ھىدايەتكە باشلامىز، ئاللا ئىنساپ بەرسە تۈزۈلۈپمۇ قالا.
تاشقىرغا چىقىپ قارساق ئۇلار كىيىنىپ بوپتۇيۇ لىكىن بىر خىل ھاڭۋاختىدەك تۇرىدۇ. بىر دوختۇر بولغان ئادەم ئۇلارنىڭ نىمگە شۇنچە تەشنا ئىكەنلىكنى بىلمەمدى. لىكىن يانىلا ئۇلاردىن سۇراپ باقاي دەپ ئۇلارغا ‹ نىمە بولدى سىڭلىم، مىجەزىڭ يوقما؟ نەرىڭ ئاغرىيدۇ؟› دىدىم.
سەل بوشراق خۇمارى تۇتقان چېغى يەنە بىر قىز ‹بەك تۇتۇپ كەتتى. بىر چىكىم تاپساق ياخشى بۇلاتتى، سىزدە بامۇ؟› دەپ سۇرىدى. ئەمما ئاچچىقىم شۇنداق كەلدى. بىرگە مىللىتىمىز قىزلىرنىڭ بوپ كەتكەن ئەھۋالغا يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قانجۇقنىڭ مىنى زەھەر سودىگىرىگە ئوخشاتقىنىغا ئاچچىقىم كەلدىيۇ يەنە ئۈزەمنى بېسىۋېلىپ سۇرۇدۇم .‹ نىمە ئاق چىكەمتىڭلا؟ › ئۇ ھەئە دىگەن مەندە بېشىنى لىڭشىتتى. قانداق قىلىش كىرەك؟
ئويلا ئولا قايسى كۈنى بېشىم بەك ئاغرىغاندا دوختۇرخاندىن ئەكىرگەن چۇمادۇ يادىمغا يىتىپ ئۇلارغا 2 تالدىن يىگۈزدۈم.
بىر ھازا دىن كىيى ئازىراق قۇيۇپ بەردى بولغاي خېلى ئىسىگە كىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەس باسقۇرلاردىن قۇتۇلۇش مەقسىتدە ساخچىغا مەلۇم قىلىشنىمۇ ئويلۇدۇم لىكىن يۈز مەسلسى بادە. بۇ كەچتە پېقىر ئەلسىھەتنىڭ ئۈيدىن 2 قىزنى ئېلىپ چەكەتسە قۇلۇم قوشنا، خىزمەتداش …. نىمۇمۇ دە؟
ئاخىرى ئەتە ئۇلارنى ئۇيناتقان بۇلۇپ ئاق تاشلىتىش ئورنىغا تاپشۇپ بىرايلى دىدۇق. ھەم نۇرغۇن خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتۇق.
تۇيۇقسىز سائەتنىڭ مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم.
تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە ماڭغاندا قارىسام ئۇ قىزلا يوق. ئۇ بو نەرسىلەرگە قاراپ باقتىم ھەممىسى جايدا. يۇلۇمغا مېڭىۋەردىم.
مەسچىتكە بېرىپ بولغۇچە كۆڭلۈمدە ھەنىمە بولسا ياخشى قۇتۇلوپتۇق. بولمسا ئەل جامائەت نىمىمۇ دەتى دەپ ئويلىدۇم.
مەسچىتتىن يانغاندىن كىيىن مىنىڭ قوشنام ئەلىيكام مىنى چەتكە تارتىپ بۇرمۇنچە ئازار قىلدى.
‹ ئۇكام سىزنى خېلى تەقۋا بالا دىسەم نىمە گەپ بۇ؟ كىملەر چىقىۋاتدۇ بۇ سەھەردە ئۈيىڭىزدىن؟› نىمدەپ چۈشەندۈرۈش كىرەك؟ دىسىڭىزمۇ كىم ئىشىنىدۇ؟
تورداشلا سىلەر مىنىڭ ئورنامدا بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ ئاغىنەمنىڭ ئورنىدا بولسىڭىزچۇ؟
ئەسكەرتىش: رەسىم تور دۇنياسىدىن ئېلىندى. مەزمۇن بىلەن ئالاقسى يوق. ئەگەر سۈرەت ھۇقۇقىغا تاقاشتى دەپ قارسىڭىز بىز بىلەن ئالاقلىشىڭ. بىز 24 سائەت ئىچىدە ئۈچۈرىۋىتىمىز.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- تورداشلار بىزنى كەچۈرۈڭلار
- ئالاھىدە سوقماقنىڭ رىتسىپى ۋە تەييارلىنشى ،ئىشلىتلشى
- جىنسى يولى قىچىشىش كىسىلى
- بەدەن ھالىتى
- بالىلار ئىستېمال قىلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىكى خاتالىقلار
- ئەيدىز كىسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بۇلىدۇ؟
- جىگەر ئاجىزلىقتىن بولغان مىڭە كىسەللىكى
- ئۇلتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقى ۋە يانپاش ئاغرىقى
- ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى ماددىلار
- مەسلىھەت بەرسەڭلار !
مەن بولغان بولسام ئادەم بولغىنغا تويغۇزۋىتەتىم
ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش كىرەك. لىكىن ئۇرۇش، تىللاش، ھاقارەت قىلىش بىلەن ئۇلارنى توغرا يولغا باشلڭغلى بۇلامۇ؟
قىلغىنىڭلار ناھايتى توغرا بوپتۇ، دىگىنىڭىز ناھايتى ئورۇنلۇق، ئۇلارنى ئۇرۇش بىلەن تىللاش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. لىكىن مەنمۇ بۇنداق كىشىلەرگە قانداق نەسىھەت قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم جۇمۇ
ئو ئەلشات ئەپەندىم ئاران بىر قەدىمىڭىز يەتكەندە يوق بوپ قاپتۇق ئاپلا
راستىنلا ئادەمنى گاڭگىرتىپ قويىدىغان ئىش بوپتۇ…..قىلغان ئىشىڭىز توغرا بوپتۇ…..راست دىگەندەك بۇ ئىشقا ئالدىراپ بىر نىمە دىگىلى بولمايدىكەن ، چاتاق يىرىزە خوشنىلارغا خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويۇپتۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىر نىڭ كاساپىتى مىڭگە دەپ ، ھازىر ئاشۇنداقلا باشقىلارنىڭمۇ ئوبرازىغا دەھلى يەتكۈزۈپ ، يۈزىنى چۈشۈردى . شۇ سەۋەپ ئارىدا ئىشەنچ قالمىدى . ئۇلارنىڭ شۇنداق بولۇپ قىلىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار ئەلۋەتتە . بىراق ھەركىم تىرىشسىلا ئۆزىنى تۈزەشكە قادىر بولالايدۇ . لىكىنزە ھازىر كۆپۈنچە ئىشلارنى توغرا چۈشۈنۈپ كىتىمىز . ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن ، ئۆز تۇققانلىرىمىزدىن باشلاپ بولسىمۇ ھالىمىزنى تۈزەشكە تىرىشايلى . مەن سەۋەپ قىلساممۇ يەنىلا ئۈنىمى بولمىدىغۇ ، دىمەي مەن يېتەرلىك سەۋەپ قىلالىدىممۇ ؟ دىگەننى ئويلايلى . ھەممىمىز ئاۋال باشلاپ ئۆز – ئۆزىمىزگە تەلەپچان بولايلى . بالىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە ، ئۇلار تېخى كىچىك ئىش ئۇقمايدۇ دېدۇق . ياشلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە ، ياشلار قىززىق قان كىلىدۇ ، ئالدىراقسانلىق قىلىپتۇ ،دىدۇق . قېرىلار سەۋەنلىك ئۆتكۇزسە ، زامان تەرەققىي قىلىدۇ ، دەۋىر ئوخشىمايدۇ ، دىدۇق . ھەممىگە باھانە تاپتۇق ، شۇ سەۋەپ سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىدۇق .