مەسلىھەت بەرسەڭلار !

ۋاقتى 2012-01-31 02:22 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ! تىچلىق ياخشى تۇرۋاتاملا ؟ ئالدى بىلەن بۇ بلوگ قۇرغۇچىسى ئەلسىھەت ئەپەندىمگە يازما يېزىشقا مۇۋەپپەق ئۇچۇن بۇ بىلوگنى قۇرۇپ چىققانلىقىغا تەشەككۇر بىلدۇرىمەن .
مەن كىسەللىك ئەھۋالىمنى ئۇدۇل دەۋېرەي . بۇندىن 6 يىل بۇرۇن مەكتەپتىكى بەزى ساۋاغداشلىرىمنىڭ كەينىگە كىرىپ ئانانىزم دىگەن يامان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالدىم . بۇ كىسەل سەۋەبىدىن مەندە يالغۇز يۇرۇشنى ياخشى كۇرۇش ، چېچىلاڭغۇلۇق قاتارلىق بىر قىسىم پىسخىكىلىق مەسىلىلەر پەيدا بولدى . 2009 – يىلى بۇ كىسەلنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توي قىلغان بولدۇم . ئەمما ئايالىم بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي قېلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن . لىكىن مەن يەنە كونا سەنەمگە دەسسەپ كونا كىسەلنى تېپىۋالدىم ھەم ھەددىدىن زىيادە بىرىلىپ كەتتىم . ئۈزۈمنى كونتىرول قىلاي دەپ نەچچە قېتىم ۋەدە بەرگەن بولساممۇ ، يەنىلا بۇ كىسەللىك ئالدىدا ئاجىز كەپ قالدىم . ھازىر مىنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسى ھەمىشە سۇغۇق ، ئىسپىرما ئاز كىلىش ، ئۇرۇقدان كىچىكلەپ قېلىش ، قىنسى مۇناسىۋەت داۋاملىشىش ۋاقتى 2 مىنۇت ئەتراپىدا بۇلۇش قاتارلىق بىر قىسىم ھالەتلەر يۇز بىرىۋاتىدۇ . داۋالىنىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم تىۋىپلار ئالدىغا بارغان بولساممۇ بۇ ئەھۋالنى دىيەلمەي قايتىپ كەلدىم . بۇ ھالەت مەندىكى جىنسى ئاجىزلىقمۇ ؟ مەن ئۈزۈمدىن گۇمانلىنىپ ھازىر ساراڭ بولاي دەپ قالدىم . ھەكىملىرىمىزنىڭ ماڭا داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەم دورىلارنى تەپسىلىي دەپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن !

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان3 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم. ئالدى بىلەن سىزنىڭ بىلوگىمىزغا قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىڭزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
    سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا كەلسەك بۇ ئىشقا ئۈگۈنۈپ قالغىنىڭىز ناھايتى خاتا بوپتۇ. بۇنىڭ زىيىنىنى سىزگە دىمىسەممۇ ھىس قىلغان چېغىڭىز.
    بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر ياخشى تىما تەييارلىماقچى ئىدىم. لىكىن ئۇسلوپ يېڭىلاش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
    كىسەللىك ئەھۋالىڭىز بەك يۈزەكى ئوتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ. لىكىن چ چ دا دىيىشكەن ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرگەندە سىزنىڭ ئانالىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ۋاختىڭىز بەك ئۇزۇن ئىكەن.
    80 خالتا تورىدىكى كەسىپدېشىمىز بىرزات ھېكىممۇ بۇ توغرۇلۇق بىر داۋالاش لاھىيەسى تۈزگەن ئىكەن.
    مىنىڭچە بولغاندا توي قىلىش بۇ كىسەلدىن قۇتۇلۇشنىڭ ياخشى چارىسى. لىكىن جىنسى ئاجىزلىق كۈرۈلۈپ ئايال كىشىنىڭ ئالدىدا يۈزى تۈكۈلۈشتىن قورقۇش بۇ كىسەلدىكى پىسخىكا ئامىل.
    سىزگە بۇكىسەلنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدە پاراڭ قىلمىساممۇ بۇلا. (بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز كىيىكى قېتىم يوللايمەن).
    ھازىر سىزدىكى ئالامەتكە قارتا دورىلام دەي. ‹ چۈشەندۈرۈشكە ۋاختىم يىتىشمىدى. توغرا چۈشۈنىڭ›
    ئۇرۇقدان ۋە زەكەرنى قەلەمپۇر مېيىدا ياغلاپ بىرىڭ.
    مەجۈنى رىگىمايى ئەتىگەن 10 گىرام، لوبوبى كەبىر چۈش 10 گىرام. ھەببى مۇقەۋى مۇمسىك كەچ 5 دانە يەپ بىرىسىز.
    پەرىزگە يەللىك، قىيمىلىق تاماقلاردىن ئاچچىق سۇ لازى، ياڭيو دىن پەرىز قىلىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ.
    قالدى گەپلەرنى بىزنىڭ بۇرادەرلەر دىن ئاڭلايلى

  2. ئالىم مۇنداق دىدى:

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم بۇبىكەتكە شۇنداقلا قۇرغۇچىلارغا ئىشەنگىنىڭىزگە تەشەككۇر ئېيتىمەن. ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك كىسەللىك ئارخىپىڭىز تۇلىمۇ يۇزەكى (قىسقا)ئىكەن. بۇنىڭغا ئەلسىھەت ئەپەندىم ئەسكەرتىپتۇ. يەنە كىلىپ چ چ دىمۇ پاراڭلاشقاننىمۇ ئەسكەرتىپتۇ. ئەلسىھەت ئەپەندىم بەرگەن مەسلەھەت ياخشى بۇپتۇ . شۇنداقتىمۇ سۇيدۇك قىستايدىغان، ئېچىشىدىغان، تامچىلايدىغان مەزى( مەزىبىزىنىڭ)سۇيۇقلۇقى شەھۋت قوزغۇلۇپ( زەكەر تىكلىنىپ) ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئېقىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولسا ئۇ دورىنىڭ بالدۇر كىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەي تۇرالمايمەن. ئەگەرشۇنداق بولسا شۇ تۇردىكى قۇۋۋەتلىگۇچى دۇرىلارنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ھەققى داۋالىنىش ساقىيىشنى مەخسەت قىلسىڭىز كىسەل تارىخىڭىزنى تەپسىلى قىلىپ قايتىدىن يېزىشىڭىزنى سورايمەن.

  3. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    ئالىم ئەپەندى توغرا دەيدۇ. مەن پەقەت سىزنىڭ تۇيىڭىزغا ئاز قالغانلىقنىلا ئويلۇشۇپ باشقىنى كۆپ ئويلىماپتىمەن. بولسا بار ئالامەتلەرنى تەپسىلىرەك يازغان بولسىڭىز؟
    ئىنكاس شەكلىدە يېزىڭ.

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111