ئانا تىلىم

ۋاقتى 2012-03-11 11:00 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت بىلوگىنىڭ ئۇقۇرمەنلىرى. ساغلام تۇرمۇش، ساغلام ھايات ھەمىمىزگە ئورتاق يار بولسۇن!

يېقىندىن بۇيان نىمە بولدۇمكىن تاڭ مۇشۇ ئانا تىل توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم. دىمىسىمۇ بىر تىل بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى، بىرمىللەتنىڭ خاسلىقى.  شۇڭىمۇ كەچتە ئۆيگە قايتسام ئەمدىلا  يەسلىدە ئۇقۇۋاتقان جىيەنلىرىمنىڭ چۈچۈك تىلدا <گې گې  نى خاۋ> دىگەن سۈزىگە سوغوققىنە < ياخشى ئەمەس، ئۇيغۇرچە سوساڭ ياخشى دەيمەن> دەپ جاۋاپ بىرىمەن. چوڭىراق ئىككىسى بۇ قىلقىمدىن خاپا بۇلىدۇ بولغاي يەگە قاراپ ئولتۇرۋالدۇ. كىچىكى ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن  بەك شوخ چۇچۇك تىلدا < ئا***** ئاكا ياخشىما، بازا ياخشىدۇ بۇگەن…> دەيدۇ دە مىنى سۈيۈشكە تەمشىلىدۇ. شۇندىلا بىر كۈنلۈك ھادۇقۇم چىققاندەك بۇلۇپ ئۇنى كۈتۈرۈپ سۇيۇپ ئەكىلىتىپ كىتىمەن.  ئەزەلدىن باللارغا نەخ پۇل بەرمەيدىغان ئادىتىمغا خىلاپ ھالدا 1~2 كوي چىقىرىپ مانى نىمىگە خەجلەيسەن؟ دەپ يەنە گەپكە سالىمەن………

باللارغا پۇل بەرمىگەچكە دىسەم خاتا چۈشەنمەڭ. مەنچە كىچىك بالغا نەخ پۇل بىرىش كىچىك بالنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسىز دەپ قارايمەن، شۇڭا ئۇلارغا كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئۈزۈم ئېلىپ بىرىپ قۇلغا پۇل تۇتقۇزمايمەن.

يېقىندا ئوبلاست خەۋرىدىن كىيىن ئوبلاستىمىز بۇيىچە ئەخلاق نەمۇنىسى بولغان ياشلارنى تەقدىرلەش يىغىنى نەخ مەيداندىن كۆرسىتىلىدۇ دەپ ئاڭلاپ ساقلاپ تاقىتىم تاق بولدى.  چۈنكى ئادەم ئەخلاق بىلەن گۈزەل. ئۇلار بولسا شۇ ئەخلاق بىلەن كىشىلەر كۆڭلىدىن ، كۆڭلىنىڭمۇ تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان كىشىلەر ئەمەسمۇ.  شۇڭا بەك تەققەززا بولدۇ.  ئاخىرى مۇراسسىم باشلاندى.   ئەخلاق نەمۇنچىللىرنى كۈرۈپ ھەقىقەتەن خۇرسەن بولدۇم. چۈنكى ئۇلار جەمىيەتنىڭ ھەر ساھەلىردىن بۇلۇپ يەكىكى تىجارەتچى، ئاددى ئۇقۇتقۇچى …. دىگەندەك.  لىكىن مۇراسسىم ئاخىرلىشىپ ئازىراق كۆڭلۈم يېرىم بولدى چۈنكى ئەخلاق نەمۇنچىللىردىن بولغان پەخىرلىك كىشىللىرمىز ئىچىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرمىزمۇ بار ئىدى. لىكىن ئۇلار نىمىشقىدۇر مۇشۇنداق بىر سورۇندا ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلمىدى. ئەلۋەتتە قىرغىز قېرىنداشلىرمىز ئۆز تىلىدا سۆز قىلدى. بۇ يەردە ئۇ كىشىللىرمىزنى ئەيىپلەش ياكى قانداقتۇر غەيرى ئويلىرىم يوق. بىلىشىمچە دۆلىتىمىزنىڭ دىنى ۋە مىللىي سىياسەتلىرى ناھايتى ياخشى، ھىچ كىشى ئۇلارغا، بىزگە ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇشقا دەۋەت قىلغان تەلەپ ۋە تەھتىت سالالمايدۇ.  شۇنداق بولغاندىن كىيىن بىر ئىككى ئېغىز ئانا تىلىمىزدا سۆزلىگەن تەرجىمالى ياكى يۈرەك سۈزنى ئاڭلىساق قانچە سۈينەتتۇق ھە.

بەلكىم بۇنداق دىسەم <كۆپ تىللىق بولغاننىڭ نەرى خاتا ؟> دىيىشىڭىز مۇمكىن ئەلۋەتتە كۆپ تىللىق بولغان ياخشى، مەنمۇ دۆلەت تىلىمىز خەنزۇچىدا ئۆز ھاجىتىمدىن چىقالايمەن.  كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇردو، پارىس تىللىردىكى ماتىريال بولسا ئەپلەپ چۈشۈنۈپ تېگىگە يىتىمەن. يېقىندا يەنە ئىنگىلىز تىلنىمۇ ئۈگىنەيمىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇنىڭغا پارتىيمىز شارائىت يارتىپ باردى. بىر تىلنى ئارتۇق بىگەنلىك ئەملىيەتتە بىر تۇرمۇش يۇلىنى ئارتۇق بىلگەنلىك بۇلىدۇ.  لىكىن بىزنىڭ شۇئارىمىز ئېنىققۇ. <كۆپ تىللىق بۇلۇش ئۇلۇغ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس> . شۇڭا  تورداشلاردىن ئۈمۈت قىلىدىغنىم بىزگە ئەگەر بىر ئېغىز سۆز قىلىش پۇرسىتى كەلسە شۇ بىر ئېغىز سۈزىمىزدە ئۈزۈمىزنىڭ ئانا تىلىنىڭ پاساھىتىنى ئىپادىلىسەك.  ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلار بىزدىن پەخىرلەنگەندە قېرىندىشىم دىسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

ئىلانلامۇ ئۇيغۇرچە بولغاندىن كىيىن دەپ ئىلان چىكىشنى تەكىتلىمدىم.

بۇ يازمىنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا تارقاتساڭلا بۇلىدۇ.

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111