ئەلسىھەتنىڭ دەردى

ۋاقتى 2012-04-11 14:00 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟

ئۇيغۇر WordPress مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇيغۇر بەگ «بلوگ يېزىپ زېرىكىپ باقتىڭىزمۇ؟» دەپ پاراڭ باشلاپتىكەن. ئىچىمدىكى گەپلەرنى قىلسام بىر تىما بوپ كىتىپتۇ. شۇڭا بۇ يەرگە ‹ئەلسىھەتنىڭ دەتلىرى› دەپلا يوللىۋاتتىمغۇ.
بىلوگ قۇرغاندىن بۇيان مەن سەل يالغۇزلۇق تارتىپ قالدىم. قارىسام بىلوگ يېزىۋاتقان بۇرادەرلەرنىڭ كۈپۈنچىسى ئۇقۇغۇچى ئىكەن. شۇڭا سىلەر بىكار بولغاندا ئانچە مۇنچە بىرنىمە يازاسىلەر. بىراق مەن دۇكاننى 3 قىلغان ئادەم. ھەيران قالماڭ. كۈندۈزى نورمال 8 سائەت ئىشلەيمەن. بەلكىم بىلىسىلەر دوختۇرلۇق كەسپى باشقا كەسىپكە ئوخشىمىغان بىر كەسىپ ئۈگىنىپ تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئىشتىن ھېرىپ ئېچىپ كەلسەم دۇكاندا نەچچە خېرىدار تۇمۇرىنى تەڭلەپ‹دەردىمنى تاپ، ئاندىن دوراڭنى ئالىمەن› دەپ قۇلىنى تەڭلەپ تۇرغان. بۇ ئىشلاردىن بىكەر بۇلۇپ ئەمدى بىر تورغا چىقىپ بىلوگ ئىشىنى قىلغىلى تۇرسام يانفۇنۇم سايرايدۇ‹تاماق سۇۋۇپ قالدى›. يەنە شۇ ئۆيدىكىلەرگە يالغان ئېيتىپ ‹مانا ھازىر، مانا ماڭدىم› دەپ قۇيۇپ تەستە بىر يازما يېزىپ تەييار قىلىپ بەتكە چىقىرىمەن ۋە چ چ توپى ئارقىلىق يېڭى يازمىنى ئىلان قىلىپ بازارغا سېلىپ قايتىمەن. ئەتىسى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئىشلارنى بىر قاتار قىلىۋىتىپ يەنە دۇكانغا كىلىمەن. ھەم ئاخشام مىڭ بىر جاپادا يازغان يازمامنىڭ باھاسنى ئۇقىماق بۇلىمەن. لىكىنزە ئىنكاس بەك ئاز. …..
بىزنىڭ خەلقىمىز ئەزەلدىن دوختۇرغا، دوختۇرخانىغا ئۆچ. بۇنداق دىسەم ھەيران قالماڭ. سىز قاراپ بېقىڭ. كىچىك باللار يىغلىسا ئاتا – ئانا نىمە دەيدۇ ‹دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئۇكۇل سانجىتىمەن ھىلى بىكا› قاراڭ كىچىكىمىزدىن ئاتا – ئانىمىز شۇنداق ئۆچ قىلىۋەتكەن بىزلەرنى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ ئالاھىدە ئىش بولمىسا دوختۇرخانىغا بارمايمىز. مىنىڭ بىلوگۇممۇ دەل توردىكى دوختۇرخانا بۇلۇپ قالدى تورداشلار يازما يوللاندى دىساممۇ كىرمايدۇ. مەن بەگ ئەپەندىمدەك چاتنىڭ ئىلانىنى ئالالمايمەن. شۇڭا چىكىلىشى پۇڭچەنلىك ئىلاننى قۇيۇقلۇق. بەلكىم بىلوگ ئاچقان 3 ئايدىن بۇيان قىلغان ئىلان كىرىمىمنى ئاڭلىسىڭىز ھەيىران قالسىز 2.991 يۈەن. بىلوگ يېزىپ ئۇسىغاندا ئۇسۇلۇقمۇ كەلمەيدۇ;. يازىما سانى 68، ئىنكاس 56 بۇنىڭ يېرىمى ئۈزۈمنىڭ جاۋاپ قايتۇرغان ئىنكاسى تېخى. قانداق قىلاي ئەسلى قىزىقىشىم كومپىيوتۇر ئىدى. لىكىن ئۆيدىكىلەرنىڭ تەلىپى بۇيىچە تىۋىپ بوپ قالدىم. بىرياقتىن ئۈگىنىۋاتىمەن. يەنە بىلىگىنىمنى ئەلگە دەپ ئۇلارنى ئازىراق بولسىمۇ خۇرسەن قىلالىغان بولسام ئارمانىم يوق.
كىيىنكى پىلانىم بولسا ئۈزۈم يېزىۋاتقان ‹ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئۇسۇلىدا كىسەللىكلەرنى تۇنۇش ۋە داۋالاش› ناملىق كىتابىمنى نەشىرگە سۇنغاندىن كىيىن(ھازىر بىلوگىمدىكى تىمىلار شۇ كىتابىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخۇسىدىن ئىبارەت) بىلوگقا تىما يوللاشنى توختۇتۇپ چۈشكەن پىكىرگە جاۋاپ بىرىپ ئولتۇرسام دەيمەن. قىسقىسى مەن بىلوگ يېزىشتىن زىرىكمىدىم. لىكىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن تىمىلار ئەسلى پىلاندىكى كۈندە 1 تىما يوللاشتىن ھازىرقى 2~3 كۈندە بىر تىما يوللاشقا قىسقىراپ قالدى. ھەي مۇشۇنداق ماڭسا بىلوگ تاشلىنىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ قالىمەن.

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ھالقىلىق سۆز:
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111