كىچىككىنە پەم

ۋاقتى 2012-02-27 12:32 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟  ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!

بۈگۈن نىمە يوللاشنى بىلەلمىدىم. راستىنى دىسەم بىلەمىدىم ئەمەس يوللۇغۇم كەلمىدى. چۈنكى تورداشلارنىڭ تىمىغا باھا يازمىغنى قەلىمىمنى سەل تالدۇرۇپ قويدى. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن يۈز بەرگەن بىرنى دەپ بىرەي.

بىزنىڭ بىر دۇكان قوشنىمىز بار. بۇ قۇشنىمىز داۋاملىق دىگۈدەك دورا ئالسا ياكى پۇل بەرمەيلا ئولتۇمايدۇ، ياكى ئىز پۇلىنىمۇ بەرمەي ئازغىنە پۇل بىرىپ چىكىتەتى. قۇشنىداچلىقنىڭ ھۆرمىتى دەپ نەچچە قېتىم مايلى دىدىم. بۈگۈن قاق سەھەردە كىرىپتۇ: < ئەلسىھەت دوختۇر بالام زۇكامداپ قاپتىكەن، زۇكام جەۋھىرى بولسا بىر قاپ بىرىڭە>. ئۇ ئادەمنىڭ يەنە ئادەمنى زىيانغا ئۇچۇرتىشغا قاراپ تۇرغۇم كەلمىدىمۇ ياكى ماۋۇ مېھرى ئىسسىق كومپىيوتىر ئالدىدىن قوپقۇم كەلمدىمۇ ئىشلى قىلىپ <رۇكام جەۋھىرى تۈگەپ قالغان، ھازىر يولدا كىلىۋاتدىغۇ دەيمەن. ئەتە كەچكىچە كىلىپ قالا> دىدىم.  ئۇ كىشىنىڭ پەقەتلا چىكەتكىسى كەلمىدىغۇ تاڭ. < يۈتەلگە پايدا قىلىدىغان ھېلىقى زۇپا جەۋھىرى بولسىمۇ مەيلى. ئىچكەچ تۇرسۇن>. ئەمدى راستىنلا بىر زىياندىن قاچقىم كەلدى دە ئۇ كىشىگە قاراپ < سىز ئىچىدىغان زۇپا جەۋھىرى قالماپتىكەن، باشقا خىلى بار، ئۈنىمى تازا ياخشى ئەمەس، لىكىن پۇلىسى بەك قىممەت. يەنىلا ئەتە كەچتە ئېلىپ چىكىتسىڭىز بۇلامىكى؟>. ئىغىزىمدا ئۇنداق دىگەن بىلەن گىپنى قىلۋاتقان زۇپا جەۋھىرنىڭ ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى.

ئۇ ئادەممۇ مەقسىتىمنى چۈشۈنۈپ قالدى بولغاي <مايلى شۇنى بولسىمۇ ئىچكەچ تۇرسۇن. بىر قاپ ئېلىپ بىرىڭە> دىدى. ئۇنىڭغىچە تازلىقنى تۈگەتەن شاگىرتىم بىر قاپ دورنى بەردىم مەن ئات قويدۇم، ئۇ ئادەم پۇلنى بەردى. نەچچە ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇ قوشنامغا پايدىسىغا دورا ساتتىم ھې ھې ھې …

خۇلاسە: سىزمۇ مۇشۇنداق قۇشنىغا ئۇچىراپ قالسىڭىز سىلىق ھەل قىلىڭ. باشقىچە ئۇسۇل قوللانسىڭىز ئەكىسچە ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىن. ياكى قوشنىلار ئارا ئارازلىشىش پەيدا بۇلۇشى مۇمكىن.

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما _ ئازراقمۇ بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ...

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان2 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. ئالىم مۇنداق دىدى:

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم كۆپ جاپا چىكىپسىز مھرىبان ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ئىشلىرىمىزنىڭ كۇپلۇكىدىن بىزمۇ قارىشىپ بۇلالمىدۇق. ياخشى تەدبىر قوللىنىپسىز. بىزئۈگەنگۈدەك ياخشى ئىشلار بولسا ئايىماسلىغىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.

  2. ئەلسىھەت مۇنداق دىدى:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بامۇ سىز ئالىم ئەپەندىم؟ ئۇنداق قىلماي پات – پات كىلىپ تۇرۇڭ. خەيىر اللەغا ئامانەت!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز



ئىنكاس يېزىش بىلوگىرغا مەدەت، ئۇقۇرمەنلەرگە پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ! ياخشى ئۇقۇرمەن بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.


ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111