تەن ساقلىق زوربايلىق! ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ خاسىيىتى
ئەتتىگەندلىك ناشتىفا ئالاھىدە دىققەت قىلايلى !
لوقمان ھەكىمنىڭ دەۋرىدە بارلىق بىمارلار لوقمان ھەكىمگە كىسەل كۇرسەتكىلى كەلسە كىيئوغلى بىر قېتىممۇ كەپ باقماپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۇچۇن لوقمان ھەكىم قىزىدىن سوراپتۇ ‹ يولدىشىڭ نىمىشقا مىنىڭ قېشىمغا كىسەل كۆرسەتكىلى كەلمەيدۇ؟› دەپ سوراپتۇ . قىزى ‹ئۇ ئەتتىگەنلىك ناشتىنى پەقەت قولدىن بەرمەيدۇ› دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ئۇ سەۋەبىنى چۇشۇنۇپ ‹قىزىم سەن ئەتە ئەتتىگەن ئۇنىڭغا ناشتىلىق تەييارلاپ بەرمىگىن› دەپتۇ . قىزى دەل ئەشۇنداق قىپتىكەن يولدىشى ئۇيدىن بىر توغرام ناننى ئاغزىغا سېلىۋېلىپ مەسچىتكە چىقىپ كىتىپتۇ.
قىزى شۇ ئەھۋاللانى دەپتىكەن ھەكىم ‹ئەتە ئەتتىگەن ئۆيدىكى يىگۇدەك نەرسىىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىقىۋىتىپ باققىن› دەپتىكەن قىزى دادىسى دىگەندەك قىلىپ قۇيۇپ ئۇخلاۋاتقاننى دوراپ يېتىۋاپتۇ. يولدىشى ئەتتگەندە ئۇينىڭ ھەممە يىرىنى ئىزدەپ يىگۇدەك ھىچ نەرسە تاپالمىغاندىن كىيىن سىرتقا چىقىپ بىرتال سېغىزنى شۇمۇرۇپ مەسچىتكە چىقىپ كىتىپتۇ.
قىز دادىسىغا بولغان ئىشلارنى بىرمۇ بىر دەپتۇ.
لوقمان ھەكىم ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ شۇنچە زور ئەھمىيىتى بارلىغىنى قىزىغا ۋەبارلىق ئاڭلىغۇچى شۇنداقلا بۇتىمىنى كۇرگۇچى دوسلاغا ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بىرىپتۇ .
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. تۇنجى تىمىڭىز ناھايتى ئەھمىيەتلىك بۇلۇپتۇ. ئىملاغا دىققەت قىلاسىز. بوممىسىغۇ خىتىڭىز مىنىڭكىدىن چىرايلىق ھې ھې ھې چاقچاق ھە
بۇلىدۇ قېرىندىشىم تىرىشىمەن. بۇ توربەتكە خۇدا خالىسا بىركىشلىك ھەسسەمنى قۇشىمەن.
توغرا ئەتىگەنلىك ناشتىلىق بەك مۇھىم ئەلۋەتتە بۇ تولۇق ئسپاتلانغان . ئەجدادلىرىمىز ئوزۇقلىنىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن شۇڭا كۇپ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنى ساغلام … ئەلۋەتتە ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ . ھىچ ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسىز تەۋرىمەيدۇ . ئاللاھنىڭ تىنىمىزنى روھىمىزنى ساغلام قىلغىنىغا مىڭ تەشەككۇر . شۇ ساغلاملىق ئۇچۇن بىزمۇ سەۋەپ قىلىشىمىز تولىمۇ ئاقىلانىلىق . …
مەن ئۇزۇمنى ھىسابقا ئالسام مەن دائىم يىمەكلىككە ياخشى مۇئامىلە قىلالمايمەن . تاماقنى ۋاختىدا يىيەلمەيمەن . بۇ ئۆزۇمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىزلىقىنى بىلىمەن ئەمما مەندە نە ئامال مۇھىت شۇنداق تۇرسا…
مەن كەڭ دوسلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ھەم كۇتۇنۇشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
لوقمان ھىكىم ۋە كۇيئوغلىنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىش بىزگە بىر مۇھىم ھەقىقەتنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ .
ئوزۇقلىنىش ئادەم سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا زىچ مۇاسىۋەتلىك .
ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىشتا كۇپىنچە ئادەم ئەھمىيەت بەرمەيدۇ . بەزىلەر ئالدىراشلىقتا ، يەنە بەزىلەر ماڭا
ئوخشاش ئۇيقۇنى دەپ تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئەتىگەنلىك ناشتا قىلمايدىغان ۋە چۇش پىشىن بولغاندا ئاندىن قىلىدىغان ئادەملەر كۇپ
بۇ سىزىلمەس ئەمما ۋاقتى كەلگەندە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۇرسىتىدىغان ئادەتتۇر .