- بايقاڭلار ، دورا بالىلارنىڭ « كۆز » ئىگە دەخلى قىلمىسۇن يەنە ! – دېدى ئابباسوف ، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى . ئابدۇكېرىم ئابباسوف گەپ ئارىلىقىدا سۆزنى ماھىرلىق بىلەن چاقچاققا بۇراپ ، ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سەل – پەل قىيسىقراق بىر كۆزىنى چېقىۋالغان ئىدى . - راست بايقاڭلار « كىچىك بالا » ئەمەسمۇ ، « قولى » بىلەن تاتىلىۋەتمىسۇن !... دېدى ھازىر جاۋاپلىق بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى . توغرىسى بۇ چاقچاقمۇ « بىر قاققا بىر قاق » دېگەندەك دەل جايىغا تەككەن ئىدى . ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق . ئەخمەت ئەپەندىم ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ياشتا كىچىكلىكىنى « كىچىك بالا » غا ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەيىبناق بارمىقىنى شۇ « كىچىك بالا » نىڭ جىم تۇرماس « قولى » غا ئوخشىتىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش مەقسىدىگە يەتكەن ئىدى . بىردەم يېرىمدەم ئەنە شۇنداق ئىلمىي ئەمما قىزىق چاقچاقلار بولۇپ ئۆتتى . ئەخمەت ئەپەندىم قايتىدىغان چاغدا مېنىڭ قولۇمغا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ سوملۇق قەغەز پۇلىدىن يۈز پارچىنى ( پېچەتلەنگەن ) تۇتقۇزدى : - ئەتە ھېيت ئىكەن . مېنىڭ مۇھىم ئىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنى يوقلاپ كېلەلمەيدىغان ئوخشايمەن . بۇ مېنىڭ بالىلارغا ھېيتلىقىم بلسۇن تارقىتىپ بېرەرسىزلەر !.... دېدى . بىز بىرقانچە بالىلار بىلەن ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئۇزۇتۇپ دەرۋازا تۈۋىگە چىقتۇق . بۇ كۈننىڭ قاندەك قىزارغان ھاياجانلىق پەيتى ئىدى . تىراشبانكا ھارۋا ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئېلىپ بىردەملىك قىزغىن سۆھبەتلەرنى مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھېكايىگە ئايلاندۇرپ ئۇزاپ كەتتى . بىز دەرۋازا ئالدىدا ئەخمەت ئەپەندىملەر يەنە قاچان كېلەر دېگەنلەرنى كۆڭلىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ ، خېلى ئۇزۇنلارغىچە ئۇلار ئۇزاپ كەتكەن يولغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇردۇق . ئېھ ........ ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى .......! سىزنىڭ شۇ قېتىمقى ئۆز بالىلىرىڭىزنى يوقلاپ كېلىشىڭىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ ئاداققى خوشلۇشۇش بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان ، شۇ سەبىيلەر ئۆزىنىڭ شەپقەتچىسى ، ئىنقىلابىي رەھبىرى بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشقانلىقىنى قانداقمۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن !؟ .......... « ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى » نىڭ 10 – ساندىكى « كىشىلىك ھايات كىتابقىلا ئوخشايدۇ » ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى . بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى : ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ، ئەكبەر قادىر . سۆزلەپ بەرگۈچى ئاسىم مەسۇم ئىمىنوف .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |