سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

كۆزگە كۆرۈنگەن ياش مۇخبىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-11 22:51مەنبە:ئاستانە يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

كۆزگە كۆرۈنگەن ياش مۇخبىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم 1969 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چاپچال ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1991 - يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ گېزىت چىقىرىش بۆلۈمى، مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمى ۋە مۇخبىرلار بۆلۈمىدە مۇھەررىر ۋە مۇخبىر بولغان. ھازىر «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمى ئىقتىسادىي خەۋەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇخبىرى، مۇدىر مۇخبىر.
 ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 17 يىلدىن بۇيان ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، يېڭلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، 3000 پارچىدىن ئارتۇق تۈلۈك ژانېردىكى ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرى ئارقىلىق كەسىپداشلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 60 پارچە ئاخبارات ئەسىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون ۋە ساھەلەر بويىچە نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 12 پارچە ئەسىرى شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، ئۈچ پارچە ئەسىرى 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، تۆت پارچە ئەسىرى مەملىكەت بويىچە بەش ئاپتونوم رايون پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ ياخشى ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۈچ پارچىسى 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1999 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە ئۇدا توققۇز يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخباراتچىلارنىڭ ئەڭ ئالىي شان - شەرىپى بولغان شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
 ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم 2003 - يىلى 7 - ئايدا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە <سارس> قا تاقابىل تۇرۇش تەشۋىقاتىدىكى مۇنەۋۋەر مۇخبىر»، 2007 - يىلى 1 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.
 ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم كۆرۈنەرلىك ئەمگەكلىرى بىلەن 2008 - يىلى 3 - ئايدا 2 - نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە ئون مېھرىبان مۇخبىر» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، 2008 - يىلى 5 - ئايدا يەنە بىر شەرەپ بىلەن 12 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرىنىڭ 4 - ماي مېدالى» غا ئېرىشكەن.
 بۇ توپلاملارغا ئاپتورنىڭ ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغاندىن بۇيان ئېلان قىلغان بىر قىسىم نادىر ئاخبارات ماقالىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(14)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !