شائىر تېيىپجان ئېلىيېف 1930 - يىلى سۈيدۈڭ (قورغاس) ناھىيىسىدە دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ساۋاتىنى ئائىلىدە چىقىرىپ، 1938 - يىلدىن 1948 - يىلغىچە ئىلگىرى - ئاخىر دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1948 - يىلى غۇلجىغا كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئارمىيە ئورگىنىدا «ئالغا» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1950 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 1955 - يىلغىچە ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. تېيىپجان ئېلىيېف 1959 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە سولچىل ئىدىيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، ئەمگەككە سېلىنغان، كېيىن ئاقلىنىپ قايتىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىگەن. 1963 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان. تېيىپجان ئېلىيېف «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ بىر مەزگىل گۇچۇڭغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1973 - يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن، 1979 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 3 - قۇرۇلتىيىدا ۋە 1985 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 1980 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 4 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. تېيىپجان ئېلىيېف 1989 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. تېيىپجان ئېلىيېف ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نامى 1950 - يىللارنىڭ بېشىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭغا قەشقەر پاختەكلى يېزىسى دېھقانلىرىنىڭ نامىدىن يازغان «پاختەكلىدىن خەت» دېگەن شېئىر بىلەن تەڭ چىققان. 1950 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان «ۋالاقتەگكۈروفنىڭ ئۆلۈمى»، «تۈگىمەس ناخشا»، «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان. 1980 - يىللاردا يازغان «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار»، «مۇقام»، «يىغلىما»، «مەيلىمۇ»، «ئانا تىلىم» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىر - غەزەللىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۆھپە بولۇپ قالغان. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |