ھېسامنىڭ چاقچاق ھەققىدىكى قاراشلىرى ھېسامنىڭ چاقچاق قىلىش ، چاقچاق تارقىتىش جەريانى بولغىنىغا ئوخشاش ، ئۇنىڭ بەدىئىي تەربىيلىنىش جەريانىمۇ بولغان . ھېسامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ، ئۇ 1940 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا دادىسى قۇربان ئاكىغا ۋە چوڭ دادىسى ئىسمائىل ئاكىلارغا ئەگىشىپ مەشرەپ - ئولتۇۇش سورۇنلىرىغا باراتتىكەن . شۇ زامانلاردا غۇلجىدىكى مەشرەپ - ئولتۇرۇشلاردا دۇتار ، تەمبۇر چېلىنىپ ناخشا - ساز بولغاننىڭ سىرتىدا چاقچاق ناھايىتى قىزىپ كېتەتتىكەن . مەتتايىركام ، غوپۇر دىڭخۇلۇ ، زوردۇن نۇسرەت ( شىۋە ) ، شۇنىڭدەك ھېسامنىڭ دادىسى قۇربان ئاكا قاتارلىقلار شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق چاقچاقلىرى ئىكەن . ئۇلار بىر - بىرى بىلەن چاقچاقتا تۇتۇشۇپ كەتكەندە سورۇندا قىقاس - چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتىكەن . |