سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئۈچ ۋېلايەت ئېنقىلاۋى ۋە ئەخمەتجان قاسىم

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-14 22:06مەنبە:ئاستانە يازغۇچى:مۇھەممەت زىيارەت سانى: قېتىم

مۇھەممەدجان ئابدۇللا

ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى، ئەخمەتجان قاسىمى- بۇ ئاتالغۇلار بىزگە ھەم تونۇش ھەم ناتانوش. بۈگۈن بۇ تېمىدا ئازراق بىر نەرسە يىزىشقا تەمشەلدىميۇ،ئەمما قانداق يېزىشنى بىلەلمەي قالدىم.بۇ ھەقىقەتەن يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر كىتاپ. بىزدە ‹‹تۈگىمەس ناخشا›› بولغاندىن باشقا يەنە مانا مۇشۇنداق تۈگىمەس تارىخى ھىكايىلارمۇ بار.
ئىلگىرى بىرىنچى قەۋەتتىكى قوشنىمىز كېرىمجان ئىسىملىك بىر قازاق كىشى ئىدى. قولۇم-قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا قاتناشقانلىقى بىلەتتى، ئەمما تەپسىلاتىنى بىلمەيتتى. كېرىمكام ناھايىتى مۇلايىم، كەمسۆز كىشى ئىدى.دائىم مەھەللىدە كىچىك بالىلارغا قاراپ ئولتۇراتتى، ئېھتىمالىم مەھەللىمىزدىكى ئەشۇ كىچىك بالىلار كېرىمكامغا روھى تەسەللى بولىشى مۇمكىن. كېرىمكامنىڭ ئايالى نېرۋىسى ئاجىز ئايال ئىدى، شۇنچە ئۇزۇن يىل قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان بولساقمۇ ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تاھازىرغىچە بىلمەيمەن. ئېسىمدە قالغىنى پەقەت بۇ ئايال ناھايىتى سۈرلۈك كۆرىنەتتى، مەھەللىگە چىقىپ پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىشتىن باشقىنى بىلمەيتتى، ھېچكىمگە بىرئېغىز گەپ قىلمايتتى. كېرىمكامنىڭ بىرلا ئوغلى بار ئىدى، ئەمما بۇ ئوغلى ھاراقكەش ئىدى، كۈندىلا مەس يۈرەتتى، ھاراققا بولغان خۇمالىق بۇ كىشىنى ۋەيران قىلغان ئىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ ئايالى بالىسىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. نەۋرىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كېرىمكام تېخىمۇ يالغۇز قالدى. لىكىن ئۇ يەنىلا ئاۋۋالقىدەكلا مەھەللىگە چىقىپ ئۈن-تېنسىز كىچىك بالىلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. كېيىن كېرىمكامنىڭ ئايالى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىدى،ئۆيىدىكىلەر گەرچە كۆپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ئەمما ھىچ ئىز دېرىكى بولمىدى. بىزمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ئايالنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق، ئۇ دەل قىش پەسلى ئىدى. بەلكىم بۇ ئايال سىرتتا توڭلاپ ياكى ئاچ قىلىپ ئۆلۈپ قالغان بولسا كېرەك. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتمەي كېرىمكاممۇ قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغان ئوغلى تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىپ بىر توپ ھاراقكەشلەر بىلەن كېچە-كۈندۈر ئۆيدە ھاراق ئىچىدىغان بولدى، ئاپامدىن ئاڭلىشىمچە كېرىمكام قازا قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلى ھاراقنى دەپ ئۆيدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋەتكەن ئىكەن، ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيدە ئۆلۈپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق.
ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا ئائىت ماتىرىياللارنى كۆرگىنىمدە كېرىمكام ئېسىمگە كىلىپ قالىدۇ. ئۇ زادى قانداق كىشى؟ ئۇ ئېنقىلاپ مەزگىلىدە قانداق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن؟قانداق جەڭلەرگە قاتناشقان؟ جەڭلەردە كىملەر بىلەن سەپداش بولغان؟...بۇ مەسىلىلەرگە بارغانسىرى قېزىدىغان بولۇپ قالدىم.ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇلارغا جاۋاپ تاپماق مۇمكىن ئەمەس. كېرىمكام بارلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
ئەخمەتجان قاسىمى (ئۇيغۇر) 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.كىچىك چېغىدىلا دادىسىدىن يېتىم قالغان.ئائىلە تۇرمۇشى نامرات بولغاچقا، كۈن ئالماق ئۈچۈن 1924-يىلى تاغىسى ئۆمەر بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، يەركەنت رايۇنىدا دارىلتام،باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1929-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، شۇ مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1934-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئۆزبىكىستاندىكى سوۋىت ئېتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئونۋىرسىسىتىدا ئوقۇغان.1937-يىلى موسكۋا شەرق سوتسىيالىزىمچىلىرى ئەمگەك ئونۋىرسىسىتىغا ئوقۇشقا بارغان ۋە شۇ مەزگىلدە تاتارىستان قازان ئونۋىرسىسىتىدا پىراكتىكا قىلغان. 1941-يىلى گېرمانىيە سوۋىت ئېتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندا، مەكتەپ ئوقۇش توختۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتقان.
ئەخمەتجان قاسىمى 1942-يىلى 6-ئايدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ،يەر ئاستى ئېنقىلابى تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1943-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭدىكى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن قولغا ئېلىنىپ،شۇيىلى 12-ئايدائۈرۈمچىگە يالاپ كېلىنىپ،تۈرمىگە تاشلانغان. 1944-يىلى 10-ئايدا قويۇۋىتىلگەندىن كېتىن، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھەربى ئىشلار بۆلىمىنىڭ باشلىقى، ھۆكۈمەت ئەزاسى، ھەربى ئىشلار ھەيئەتلىرىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1946-يىلى 7-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1947-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلانغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ، ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ كۆرەشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان.
1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئېنقىلابى قۇشۇننى ئۇلغايتىش ئۈچۈن، غۇلجىدا‹‹شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايەت قىلىش ئېتتىپاقى››نى قۇرغان ۋە ئېتتىپاق مەركىزى كومىتىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
1948-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىگىنى باشلاپ تۈنجى نۆۋەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋىتىپ، سابىق سوۋىت ئېتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلى ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە، ئايرۇپىلاندىن كاشىلا چىقىپ،ھادىسىگە يولۇقۇپ بەختكە قارشى قازاقىلغان. شۇيىلى ئەخمەتجان قاسىمى ئاران 35ياشتا ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتىغان. ئۇ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.

غۇلجا شەھىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى تارىخى خاتىرە سارىيى بار. ئۇ ئىلى،تارغاباتاي،ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەت خەلقلىرى 1944-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىغان زور كۆلەملىك كۆرەشتە قۇربان بولغان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يەتتە ئېنقىلابى قۇرباننى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1959-يىلى 8-ئايدا سېلىنغان. ئالدى تەرىپىدە مىللى ئۇسلۇبدىكى قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ماۋزىدۇڭ 1949-يىلى 10-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا ‹‹ئىلىمىز دېموكراتىك ئېنقىلابىنىڭ بىرقىسمى››دەپ باھا بېرىپ يېزىپ بەرگەن يادنامە ئۇيغۇرچە، قازاقچە،خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا نەقىشلەنگەن. بۇ ئورۇن ھازىر مەملىكەت دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئېنقىلابى قۇربانلار خاتىرە قۇرۇشلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى خاتىرە سارىيى ئېنقىلابى قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتىنى قايتا ۋەجانلىق نامايەن قىلىپ تۇرماقتا . تورداشلار ئەگەر غۇلجىغا بىرىپ قالسا چوقۇم كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. ئورنى خەلق مەيدانىنىڭ ئىچىدە، ئىشىك بېلىتى 15يۈەن.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(40)
80%
دەسسەش
(10)
20%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !