سادىر پالۋان 1798 - يىلى غۇلجا ناﻫىيىسىنىڭ موللا توختىيۈزى يېزىسىدا دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . سادىرنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى دەل چىڭ خانىدانلىقى زۇلمىنىڭ چېكىدىن ئاشقان مەزگىللىرىدە ئۆتتى . دەﻫشەتلىك ئېزىلىش ۋە ئېغىر ئالۋان - سېلىق دەستىدىن سەۋر قاچىسى تاشقان ئىلى دېﻬقانلىرى 1861 - يىلى چىڭ خانىدانلىقىنىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى . سادىر ئۇلارنى 1864 - يىلىدىكى بايانداي قەلئەسى بىلەن كۈرە قورغىنىنى ئېلىش جەڭلىرىگە ئۇيۇشتۇردى ، ئۆزى سېپىللارنى پارتلىتىپ ، جەڭنىڭ ﻫەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆچمەس تۆﻫپىلەرنى ياراتتى . شۇڭا ، خەلق سادىرنى "پالۋان" دەپ ئاتىدى . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)سادىر پالۋان ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلەردە كۆپ قېتىم دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ، دۈشمەنگە ﻫەرگىز باش ئەگمىدى ، پەم - پاراسەت ۋە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ، زىندان - يامۇللارنى تېشىپ چىقتى ، سۈرگۈنلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇپ ، جەڭلەرنى داۋاملاشتۇردى . سادىر پالۋان دېﻬقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باتۇر سەركەردىسى بولۇپلا قالماي ، يەنە داڭلىق خەلق قوشاقچىسى ، ناخشىچىسى ۋە ئەلنەغمىچىسى ئىدى . خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ نۇرغۇن قوشاقلىرى ۋە تەسىرلىك ناخشىلىرى تارقالغان بولۇپ ، كىشىلەر ئۇنى ئەڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار سۈپىتىدە ساقلاپ ۋە قەدىرلەپ كەلمەكتە . ئۆز ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا سەرپ قىلغان بۇ مەشﻬۇر خەلق پالۋىنى تارىختا شەرەپلىك ئىز ۋە جاراڭلىق ناخشا - قوشاقلارنى قالدۇرۇپ ، 1871 - يىلى ماي ئايلىرىدا ئۆز يېزىسىدا ۋاپات بولغان . |