ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل، 1925- يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى چىلەك رايونىدا تېرە- يۇڭ تىجارىتى ۋە پىريومچىلىق قىلىدىغان ھاشىم ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. 1932- يىلى رىزۋانگۇل يەتتە ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن غۇلجا شەھرىگە كوچۇپ كېلىپ، پۇشايمان مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. 1934- يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى شەرق كەكتەپ ۋە ئۇمىد مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. 1940 -يىلى ئۇرۇمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپى سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1943- يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. |