سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى ۋە نوبىل مۇكاپاتى!(ئايسىز~كېچە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-16 18:07مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

جۇڭگۇنىڭ پۇتبولچىلىرى 《دۇنيا لوڭقىسى》مۇسابىقىسىگە يارىمىغاندەك ، جۇڭگۇنىڭ يازغۇچىلىرىمۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتىدۇ . پۇتبول ئويناش چىڭ ھۈنەر ، پۇتبول ئوينىغان چاغدىكى ھەر بىر ھەركەتنى تاماشىبىنلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭدا ھارامزادىلىك ئاقمايدۇ ، قايىل بولمايمەن دېسىڭىزمۇ ئىلاجىڭىز يوق.
 لېكىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، بۇ مۇكاپاتنى باھالاش ۋە تارقىتىش جەريانى مۈرەككەپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگۇنىڭ يازغۇچىلىرى پۇتبولچىغا ئوخشاش خىجالەت تارتىپ يۈرمەيدۇ ، مۇكاپات ئالالماسلىقنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا كۆرسىتىدىغان باھانە-سەۋەپلىرى يېتىپ ئاشىدۇ . بەزىلىرى، غەرپ مەدەنىيىتى شەرق مەدەنىيىتىگە ھەسەت قىلىدۇ-دەيدۇ ، بەزىلىرى خەنزۇ تىلىنى تەرجىمە قىلىش قىيىن بولغاچقا ئەسەرنىڭ تەسىرچانلىقىنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ-دەيدۇ، يەنە بەزىلىرى شىۋېتسىيىدىكى نامزات تاللاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى چاغلىق –دەيدۇ، يەنە بەزىلىرى نوبېل مۇكاپاتى كارى چاغلىق نەرسە –دەپ پىسەنتىگە ئالمايدۇ . بۇنداقلارنىڭ سۆزىنىڭ ئورامىغا قارىغاندا نوبېل مۇكاپاتىنى بەرسىڭىزمۇ ئالماسمىش . نوبېل مۇكاپاتى ئالغان چەتئەل يازغۇچىلىرىنى ياراتمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .
 بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئالغان ياپۇنىيىلىك داجاڭ جەنسىلاڭ شەرقلىقلەرگە مەنسۇپ يازغۇچى ئىدى . شۇ چاغدا ئۇلار، بۇ ئالۋاستى ياپۇنەك قانچىلىك بىر نېمىتى –دىيىشتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ،ھەممىسىنىڭ ئاغزى يۇمۇلۇشقا باشلىدى . باشقىلارنى ياراتمىغانلىقىمىز دەل ئۆزىمىزنىڭ بىلىدىغانلىرىنىڭ چاغلىق ئىكەنلىگىدىن بولماقتا . جۇڭگۇ يازغۇچىلىرىنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە زادى قانچىلىك مۇساپە باردۇر ؟
 ئاۋۋال نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارىخىغا قاراپ باقايلى : 1895-يىلى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان چاغ دەل جۇڭگۇدا پادىشاھ گۇاڭشۈي پۇقرالار شەرقى شىمالدىكى كەڭ كەتكەن يەرلەرنى ئېچىپ ، زىرائەت تېرىپ تىرىكچىلىك قىلسا بولىدۇ-دەپ رۇخسەت قىلغان يىل ئىدى . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەشۇ بىپايان زېمىن ئۇلۇغ مەنچېڭ خاندانلىقىنىڭ 《پادىشاھلىق يېرى》بولۇپ ، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ روھى ئاياق-ئاستى بولمىسۇن-دەپ ، ئادەم ئايىغى تېگىش مەنئى قىلىنغان ۋە پۇقرانىڭ قەدەم بېسىشىغا يول قويۇلمايدىغان يەر ئىكەن .
 مەلۇماتلاردىن بىلىشىمىزچە ھەر يىلقى نوبېل مۇكاپاتىنى شىۋېتسىيە پادىشاھى ئۆز قولى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە تارقىتىپ بېرىدىكەن . بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ پەرقىگە قاراپ باقايلى : مۇبادا نوبېل جۇڭگۇدا تۇغۇلغان بولسا ،ئۇلۇغ مەنچېڭ پادىشاھى دۆلەت تەۋەلىكىگىمۇ قارىمايدىغان شۇنداق مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشقا ماقۇل بولارمىدى ؟ شۇنچە نۇرغۇن مۇكاپات پۇلىنى پادىشاھقا تەقدىم قىلماي، چەتئەللىكلەرگە بېرىۋېتىشنىڭ ئۆزى ۋەتەنگە خائىنلىق قىلغانلىق بولمامدۇ ؟ دېمەك نوبېل شۇ زاماندا جۇڭگۇدا بولغان بولسا 《ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى》بىلەن كاللىسى ئېلىناتتى . شۇنداقلا شۇ زامانلاردا جۇڭگۇدىن نوبېلدەك ئىقتىدارلىق بىر ئالىمنىڭ چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستى . ئۆز ۋاقتىدا نوبېل ئىنسانلار ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئالىملارنى ۋە ئەدىپلەرنى مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، ھەر يىلى باھالاپ چىقىپ ئۆزىنىڭ شەخسى فوندىدىكى پۇلدىن چىقىم قىلىپ مۇكاپاتلاشنى ۋەسىيەت قىلغان .
 دەل شۇ زاماندا ياشاۋاتقان جۇڭگۇنىڭ دانىشمەنلىرى بولسا، قەھرىتان سۇغۇق كۈنلەردە خېيلۇڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسىدا 《سىشى تەيخۇ ئانا》غا ئالتۇن قېزىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنىكەن . ئۇ يەردە بىر ئالتۇن كانى مەخسۇس سىشى تەيخۇنىڭ پەردازلىق خىراجىتى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان بولۇپ ، دېمەك : ئوخشاش بىر زاماندا ئىككى دۆلەتتە ياشىغان دانىشمەنلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە تەپەككۇرىدا مانا مۇشۇنداق ئاسمان-زېمىن پەرق بولغان ئىكەن .
 نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش، نامزات تاللاش جەھەتتىكى خىلمۇ-خىل قۇسۇرلارنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن . لېكىن بۇ دۇنياۋى مۇكاپاتنى بىز جۇڭگۇلۇقلارغا باھالىتىدىغان ياكى تاللىتىدىغان ئىش بولسا ، نەتىجىسى قانداق بوپ كېتەر ؟؟؟!!! .
 جۇڭگۇدا ھۆكۈمەت باھالىغان ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى تولا چاغلاردا پۇقرالار ئېتراپ قىلمايۋاتىدۇ، پۇقرا راۋا كۆرگىنىنى ھۆكۈمەت راۋا كۆرمەيۋاتىدۇ . بىر چاغدا جۇڭگۇدا پۇقرالار ئۆزلىرى تاللاپ بېكىتىدىغان،تېلىۋېزىيە تىياتىرىنى باھالايدىغان بىر تۈرلۈك مۇكاپاتنى تەسىس قىلىۋېدى – ئاقىۋەتتە باھالىغۇچىلارغا پارە بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ياغلايدىغان رەسۋاچىلىق يۈز بەردى .
 دېمەك : جۇڭگۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى نوبېل مۇكاپاتىغا يارىمايلا قالماستىن ، بەلكى نوبېل مۇكاپاتىغا باھالاش ، تاللاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى ئىجتىمائى مۇھىتمۇ ئىنتايىن ناچار . ئەگەر بۇ دۇنياۋى مۇكاپاتنى بىز جۇڭگۇلۇقلارغا باھالىتىدىغان ياكى تاللىتىدىغان ئىش بولسا بىز چۇقۇم خەلقئارادا رەسۋايى ئەزىم بولىمىز .
 مەلۇم بىر يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى گېرمانىيىلىك گىراسقا بېرىلدى، شۇ چاغدا جۇڭگۇلۇقلار غىدىڭ-پىدىڭ قىلمىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ 《قەلەي دۇمباق》ناملىق ئەسىرى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق ئىدى . ئەسەرنىڭ بەدئىلىكىدىن گەپ ئاچماي تۇرايلى، گىراسنىڭ بىر گېرمان مىللىتى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن گېرمان فاشىسىتلىرىنى چۇڭقۇر پاش قىلالىشى ، گېتلىرنى شۇنچە قەبىھ-رەزىل قىلىپ تەسۋېرلەپ بېرەلىشى ئاسان ئىش ئەمەس . جۇڭگۇنى ئېلىپ ئېيىتساق ، چىڭگىزخاننىڭ قارا نىيىتى گېتلىرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا دۇنياغا يالغۇز خوجا بولماقچى . چىڭگىزخان ياۋۇزلۇقتا گېتلىردىن قېلىشمايدۇ ، چۈنكى ئۇمۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلىلەرنى پۈتۈن ئۇرۇق-ئەۋلادىنى قويماي قىرىپ تاشلىغان . ئەمما جۇڭگۇدا يازغۇچى ، شائىرلىرىمىز چىڭگىزخاننى ئىزچىل ئۇلۇغ قەھرىمان –دەپ مەدھىلەپ كەلمەكتە . ياۋرۇپالىقلار بولسا چىڭگىزخاننى گېتلىردىن ئۆتە ئەزرائىل-دەپ قارايدۇ .
 ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ يازغۇچىلىرى بۇرۇنقى فېئۇداللىق جەمىئيەتتىكى خان-پادىشاھلارنى –چىن شىخۇاڭ،خەن ۋۇدىدىن تارتىپ تاكى كاڭشى،چىيەنلۇڭغىچە زوق-شوق بىلەن مەدىھيىلەپ كەلمەكتە . بۇ يەردە گەپ ، بۇنداق ناتوغرا مەدىھىيلەر بىلەن گىراسنىڭ گېتلىرنى پاش قىلىشى ئوتتۇرىسىدا ئوي-پىكىر جەھەتتە ئاسمان-زېمىن پەرق بارلىقىنى سېلىشتۇرۇشتا . 《يۇڭجېڭ خاندانلىقى》ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا پادىشاھلارنىڭ ئۆز يېنىدىكى ھەرەمئاغىلىرىغا سىنىپىي دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرىمىز . شۇ فىلىمنىڭ ئاپتۇرلىرى ، رېژىسورلىرى شۇ ئەركەكلەرنىڭ ئاغۋات بولغاندىن كېيىن ، يەنى پىچىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئاندىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغانلىقىنى بىلمەي قالمايدۇ . گېتلىر شۇنچە قەبىھ-زالىم بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئەركەكلەرنى پىچىپ تاشلىماپتىكەن . 《ياڭجۇدىكى 10كۈنلۈك قەتلى قىلىش》،《جىيادېڭدىكى 3كۈنلۈك قەتلى قىلىش》لار گېتلىر ئوسۋېشىم جازا لاگېرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقتىن قىلچىلىكمۇ قېلىشمايدۇ . جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى بۇرۇنقى خان-پادىشاھلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇزلۇقلىرىنى پاش قىلماقتا يوق ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ خوتۇنىنى ئاياق-ئاستى قىلغانلىقىدەك 《ئېسىل ئەخلاقىي-پەزىلەت》لىرىنى ھەدەپ مەدھىيلەۋاتسا ، قېنى سىلەر بىر ئادىل باھالاپ بېقىڭلارچۇ ، جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئارىلىقى زادى قانچىلىك باردۇر ؟؟؟

 

 

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(8)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !