ئەخمەتچان قاسىمى .....ماﻫىنۇر قاسىمنىڭ يولدىشى ، ئۇستازى ، ئۇيغۇر . 1914 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدە كەمبەغەل دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىك چېغىدىلا دادىسىدىن يېتىم قالغان . ئائىلە تۇرمۇشى نامرات بولغاچقا ، كۈن ئالماق ئۈچۈن 1924 - يىلى تاغىسى ئۆمەر بىلەن سوۋېت ئىتىپاقىغا كېتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ، يەركەنت رايۇنىدا دارىلتام ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1929 - يىلدىن 1932 - يىلغىچە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتىدا ئوقۇغان . ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، شۇ مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1934 - يىلدىن 1937 - يىلغىچە ئۆزبىكىستاندىكى سوۋېت ئىتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئونۋېرستتوتىدا ئوقۇغان . 1937 - يىلى مۇسكۋا شەرىق سوتسىيالىزىمچىلىرى ئەمگەك ئونۋېرستتوتىغا ئوقۇشقا بارغان ۋە شۇ مەزگىلدە تاتارىستان قازان ئونۋېرستتوتىدا پىراكتىكا قىلغان . 1941 - يىلى گېرمانىيە سوۋېت ئىتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندا ، مەكتەپ ئوقۇش توختۇتىشقا مەجبۇر بولغان . ئەخمەتجان قاسىممۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن . |