سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-11 22:46مەنبە:ئاستانە يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

 

 

پاشا ئىشان 12 ياش چېغىدىلا بۇلبۇلغا ئوخشاش ئاۋازى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرالىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ياڭراق ، يېقىملىق ئاۋازى ، سەنئەتتىكى تەبىئى تالانتى ، خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ‹‹ تەڭرىتاغ بۇلبۇلى ›› دەپ نام ئالغان . ئۇ سەنئەت مۇساپىسىدا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .

        پاشا ئىشان 1940 – يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان . ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ئاجايىپ نەغمىچىلەر ، ئۇستا ناخشىچىلار بار بولۇپ ، ئۇنىڭ قەلبىگە سەنئەتنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلىرىنى ئەنە شۇ ناخشىغا ھېرىسمەن خەلق چاچقان .

        1952 – يىلى ، پاشا ئىشان غۇلجىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەمدىلا تۈگىتىشىگە ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى مۇشۇنداق ئاۋازى ياڭراق بىر قىزچاقنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ، كىچىك پاشانى شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئەكەلگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن پاشا ئىشان ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىۋەتكەن . 

       1953 – يىلى پاشا ئىشان چاۋشىيەن ئالدىنقى سېپىدىكى پىدائىيلاردىن ھال سوراش ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سالىمىنى پىدائىيلارغا يەتكۈزگەن . 1955 – يىلى پاشا ئىشان ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا فېستۋالىغا قاتنىشىپ ، ‹‹ئازات زامان›› ، ‹‹سېنى ئەسلەيمەن›› قاتارلىق ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ، بۇنىڭ بىلەن پاشا ئىشان ۋەتىنىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن . 1961 – يىلى ئۇ جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھېندونزىيە ، بېرما ، نېپال ، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ، ياڭراق ئاۋازى بىلەن دۇنيا سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلغان

 

 

  سەنئەت ئىشلىرىغا تىنماي تۆھپە قوشۇۋاتقان پاشا ئىشانغا 1985 – يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ‹‹ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس ›› دىگەن ئۇنۋان بېرىلگەن. ئۇ مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ 7 – ، 8 – نۆۋەتلىك مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . نۆۋەتتە، پاشا ئىشان گەرچە پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ، دائىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ ناخشا مەشىق قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ .        

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 2004 – يىلى ئۇنىڭغا‹‹ تەڭرىتاغ تۆھپىكارى›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن . 

مەنبە تەڭرىتاغ تورى

 

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(743)
98.5%
دەسسەش
(11)
1.5%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !