ئۇنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان شېئىر- داستانلار، ھېكايە، ئوچېرىكلار، ناخشا، سىمفونىيەلەر ئىشلەندى. ئاتاقلىق يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۇنى ئۇلۇغلاپ يازغان <<شەپقەت ھەمشىرىسى>> دىگەن ئوچېركى ئوقۇش كىتابلىرىغا كىرگۇزۇلۇپ مىليونلىغان ياشلار ۋە ئوسمۇرلەرنىڭ سويۇپ ئوقۇيدىغان دەرسلىكىگە ئايلاندى. قازاقىستاندىكى مەشھۇر كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف بىلەن ئاتاقلىق شائىر قادىر ھەسەنوف بىرلىكتە ئىشلىگەن <<ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۇل>>دىگەن ناخشا كىشىلەر سويۇپ ئېيتىدىغان ناخشىغا ئايلاندى. قۇددۇس غوجامياروف يەنە <<رىزۋانگۇل>> سىمفونىيىسىنىمۇ ئىشلىدى.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |