كېيىنكى يىللاردا ئوغۇللارغا سۈپىتى ياخشى ئاق رەخىتتىن بىر يۈرۈش قىلىپ ماتروسچە كىيىم ، بېشىغا زەر يىپ بىلەن خەت يېزىلغان ماتروس شەپكىسى ، قىزلارغا كوپتا – يوپكا ۋە ئوخشاش قىلىپ باش كىيىم تىكتۈرۈپ بېرىلدى . بالىلار بۇ كىيىملەرنى كېيىپ تىزىلىپ ماڭسا ھەممىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى . ھېيىت – بايرام كۈنلىرى دارىلتامدىكى بالىلار تېخىمۇ جانلىنىپ كېتەتتى . بەك ئەتىگەن تۇرۇپ تەق بولۇشاتتى . چۈنكى بۇ كۈنى شەپقەتچى ئاتىسى ئەخمەتجان قاسىمى كېلەتتى . ئۇ بالىلارنى ئەركىلىتىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتەتتى ۋە ئۇلاردىن « بالام ، سەن چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسەن ؟ دوختۇر بولامسەن ؟ ئېنژىنىر بولامسەن ؟ ياكى ليۇدچىك بولۇپ ئايرۇپىلان ھەيدەمسەن ؟ سەنچۇ ؟ تانكا ھەيدەمسەن ؟ ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ بالىلارنى ئوقۇتامسەن ؟ » دەپ سورايتتى . بالىلار بەس – بەستە چۇرقىرىشىپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن ، « ھوي – ھوي ، مانا – مانا بىزدىن تېخى ھەربىي ئالىملارمۇ ، مۇتەخەسىسلەرمۇ ، گېنېراللارمۇ چىقىدىكەن تېخى !.. » دەپ كىچىك بالىلاردەك خوش بولۇپ كېتەتتى . كەلگۈسىنىڭ ھەر بىر ئىستىقباللىق ئەزىمەتلىرىدىن ھېسابسىز ئۇمىتلەرنى كۈتەتتى . 1949 – يىلى ياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كەچقۇرۇنلۇقى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇپ ، قىزغۇچ شەپەق نۇرى ۋە ئوچۇق ھاۋا ، سالقىن شامال جانغا ھوزۇر بېغىشلايتتى . دارىلتامنىڭ دەرۋازىسىدىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئارغىماق ئېتى قوشۇلغان تىراشبانكا ھارۋىسىدا چىراىىدىن خۇش تەبەسسۇم تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۈچ كىشى كىرىپ كەلدى . ھارۋىكەش بېشىغا ئالما چېچىكى گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كەيگەن كىشى ئىدى . مېھامانلار ھارۋىدىن چۈشۈپ ئاتنى باغلايدىغان چاغدا ھارۋىكەش بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنى « مەن باغلاي » دېسە ، « مەن باغلاي » دەپ تالاش – تارتىش بولۇپ كەتتى . گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق كىشى « ھارۋىكەش ئۆزى باغلايدۇ » دېسە ، مەن « ساھىپخان مېھماننىڭ ئېتىنى ئالىدۇ » دەپ تالىشاتتىم . توغرىسى ئاتنى ساھىپخانغا باغلىتىش ھېچقانچە ئوڭايسىزلانغىدەك ئىش بولمىسىمۇ يارىشىملىق گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كىيگەن بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ چىرايىدىن ئېتىنى دارىلتامدىكى مېھنەتكەش تەربىيەچىلەرگە باغلىتىش سەل ئەدەپسىزلىكتەك بىلىنىۋاتقانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى . ئۇنداقتا ساھىپخاننىمۇ تەڭقىسلىقتا قويۇپ قويىۋاتقان بۇ گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق ئادەم كىم ؟ ئۇ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېدارلىشىشقا تەقاززا بولىۋاتقان سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى . ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق مېھمانلار بالىلارنىڭ ياتاقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى . ئۇلار كىشىنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ ، ئامراقلىقىنى كەلتۈرگىدەك پاكىزە ، رەتلىك ياتاقلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ، سۆيۈنۈپ كېتىشتى . بالىلار ھويلىدا تاماق يەۋاتقاندا ، ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار بىلەن خالىراق يەردە سۆھبەتتە بولدۇق . ئەخمەتجان قاسىمى دارىلتامنىڭ باشلىقى قاسىم مۇسايوفتىن : بېشىدا چاقىسى بار بالىلارنىڭ يارىسىنى قانداق داۋالاۋاتىسىلەر ؟ - دەپ سورىدى . - ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرى بىر خىل يەرلىك دورىنى بالىلارنىڭ بېشىغا سۈركەپ داكا بىلەن ئوراپ تېڭىپ ، ھەپتە ئۆتكەندە ئالماشتۇرۇپ داۋالاۋاتىدۇ . ئۈنۇمى يامان ئەمەس ، - دەپ جاۋاپ بەردى قاسىم مۇسايوف . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |