ئىنقىلاب رەھبىرى يىتىملارنىڭ غەمگۈزارى - ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۇچرىشىش گومىنداڭغا قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلى دارىلتام ( يىتىم بالىلارنى بېقىش ، تەربىيەلەش ئورنى ) ۋە ئىلى دارىلئاجىزىن ( ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى ) قۇرۇلدى . ( ئورنى ھازىرقى دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ قورۇ ئىچىدە ئىدى ) 49 - ، 50 – يىللىرى مەن شۇ دارىلتامدا تەربىيىچى بولۇپ ئىشلىدىم . يېڭىلا قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولسىمۇ ، دارىلتام قۇرۇلۇشىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلدى . ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ، جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ھەم قوللاپ يار – يۆلەك بولۇشى بىلەن دارىلتامدىكى يېتىم – يېسىرلار جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم ئائىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى . دارىلتامدىكى بالىلار بەش ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان جەمىئىيەتتىكى يېتىم – يېسىرلار ۋ ھەربىيلەرنىڭ ئىنقىلابتا يېتىم قالغان پەرزەنتلىرى ئىدى . ئۇلار ناھىيە ، يېزا ۋە مەھەللىلەردىن ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى ئورگانلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، تەربىيلىنىپ ، يېشى توشقانلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىناتتى . دارىلتامنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يېرىم ھەربىيلەشكەن تۈزۈم بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى ، شارائىتىمۇ ھەربىيلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىمتىيازلارغا لايىقلاشقان ئىدى . ھەر كۈنى ئەتتىگەن تاماقتىن كېيىن بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتكەنلىرى بىرخىل ، رەتلىك ، كىيىملىرى بىلەن سەپكە تىزىلىپ كوماندا بېرىلىش بىلەن تەڭ مەشىققە دەسسەپ ( مەكتىپى سىرتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ) دارىلتام دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، كېيىن كوماندا بويىچە سىنىپلارغا بۆلۈنۈپ كېتەتتى . دەرستىن چۈشكەندىمۇ شۇ بويىچە ياتاقلىرىغا تارقىلاتتى ياكى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە ماشىنىچىلىق ، ياغاچچىلىق ، سېستىرالىق ، تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ باراتتى . ئىختىيارى دەم ئېلىش پائالىيەتلىرىن ئېلىپ باراتتى . بەزىدە شۇ ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزەتتى . گەرچە بالىلارنىڭ تامىقى ، كىيىم – كېچىكى مۇنتىزىم ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭكىدەك يېتەرلىك بولسىمۇ يېتىم – يېسىرلار ئوقۇيدىغان سىنىپ ، پارتا مەسىلىلىرى دارىلتامنىڭ بىرلا ياتاق بىناسى بولغانلىقى ئۈچۈن تولۇق ھەل بولمىغان ئىدى . بۇ قىيىنچىلىقلار ئاخىرى يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى « مۇرات مەكتەپ » ( ھازىرقى 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ) نىڭ مۇدىرى قۇربانجان نىزام ۋە مەكتەپتىكى بالىق ئوقۇتقۇچى يولداشلارنىڭ ، مەكتەپ ئاتىلار كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ھەل قىلىندى . يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي قىسىمدىكى تۇرسۇن ۋاھىدى بىەن پىراپورچىك تۇرسۇن دەريا ئۆزلۈكىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ بالىلارغا تەنتەربىيە مەشىقلىرىنى ئۈگىتەتتى . پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئىبراھىم ئەپەندى ( ئىبراھىم ماشىنىچى ) بالىلارغا سەنئەت نومۇرلىرى ۋە بىر قىسىم سېرىك نومۇرلىرىنى ئۈگىتەتتى . ھېيت – بايرام ، خاتىرە كۈنلىرىدىكى كونسېرت كېچىلىكلىرىگە قاتناشتۇراتتى ، يېتەكچىلىك قىلاتتى . بۇندىن باشقا خەلق ئىچىدىكى تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن ئۇلارغا خەير – ئېھسان ئورنىدا قوي ، كالا ، گۈرۈچ ، ماي ، نەق پۇل ، توپ – توپ رەخت ، كىيىم – كېچەكلەر كېلىپ تۇراتتى .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |