بۇ غېنى باتۇر خىزمەت كۆرسىتىپ ھەربىي سوتنىڭ باشلىقى بولغان چاغلار ئىدى . ئۇ چاغدا غېنى باتۇرنىڭ بىلىنوپ دېگەن بىر رۇس مۇئاۋىنى بار ئىدى . غېنى باتۇر رۇسلارنى « تۈگمەنچى » دەپ چاقىراتتى . بىر كۈنى غېنى ئىشخانىسىغا كىرىپ قارىسا تۆت تام قۇرۇق ، بىر ئۈستەل – ئورۇندۇق ۋە بىر چەينەك ھەم پىيالىلەردىن باشقا كۆزگە چېلىققۇدەك ھېچنىمە يوق تۇرغىدەك . - ھەي ، تۈگمەنچى نىمە قىلىۋاتىسەن ؟ - نىمە بولدى .... ئولتۇردى ، - دەپتۇ بىلىنوپ - ئىشخانىدا ئوغرى ئالغىدەك ھېچنىمە يوق تۇرسا تۆت تامنى بېقىپ ئولتۇرىۋېرەمسەن ؟ - دەپتۇ غېنى باتۇر تېخىمۇ كەيپى ئۇچۇپ . بىرگە يوق ...... دەپتۇ بىلىنوپ ئۇيغۇرچىغا يامىداپ غېنى باتۇر يوغان چاپىنىنى كىيگەچ كونا خۇيى بويىچە ئاغزىنى بۇزۇپ « ۋاي ، ******* ..... تۈگمەنچى ، نەرسە ئۆزى مېڭىپ كېلەتتىمۇ ؟ يوقنى بار قىلمامدۇق ...» دېگىنىچە بىر نەچچە چاپارمەننى ئەگەشتۈرۈپ ، سەرخىل ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ھەر تەرەپكە يول ئاپتۇ دە ، قەدىمى يەتكەنلىكى كومىتېت – ئىدارىلەرنىڭ كۆزگە چىرايلىق تاشلىنىدىغان نەرسىلىرىنى سورىماي ئالىۋېرىپتۇ ...... ، ھايالسىز بىز ئۇنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان « ھەربىي مەتلۇبات » قا قاراپ يول ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق . « مەتلۇبات » ئىمىزنىڭ باشلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىقاقىدا ئوقۇپ مالىيەنى ئوقۇپ كەلگەن ئەسھەدۇللا ئىسىملىك ئۆزبېك ئادەم ئىدى . غېنىلار ئىسكىلاتىمىزغا كەلگىچە ئەسھەدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولدى . - ھەي ، ئەسھەدۇللا ..... پاھ ، سەن مۇشۇنداق كاتتا ئىشخانىلاردا ئولتۇرىدىكەنسەن – ھە ! بىز جەڭ قىلىپ ، قۇربان بېرىپ ھەجەپ سەن كۆرگەن راھەتنى كۆرمىدۇققۇ ؟ - دەپ ھەيۋە قىلىپ ئۇنى بېرىسەن ، بۇنى بېرىسەن ، دەپ خالىغىنىنى سوراپ تۇرىۋالدى . ئەسھەدۇللا : - باتۇرۇم مەن خوش بولاي ، قېنىڭىزنى قىزىتماڭ .... قېنىڭىزنى قىزىتماڭ ، - دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى . غېنى باتۇر يەنىلا گەپ يورغىلىتىپ : - بىز دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ، سەن خەققە مۇشۇ يەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەردۇق . سەن خەق نىمە ئىش قىلىشتىڭ ؟ سەنلەر ھەممە نەرسىدىن خالىغانچە پايدىلىسەنۇ ، ئەجىبا بىز !...... دېگىنىچە ماڭە ھۆركىرىدى ، - ماڭە ، ئىسكىلاتىڭنى ئېچىپ دېگىنىمدىن ئېلىپ بەر !.... ئەمەلىليەتتىمۇ غېنى باتۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنىلابىينىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئاجايىپ زور ئىدى . خەلق ئىچىدىمۇ « غېنى باتۇر ئۇرۇشقا كىرسە ئوق ئۆتمەيدىكەن ، كەچقۇرۇن چاپىنىنى سالسا ئوقلار توكۇرلاپ چۈشىدىكەن !» دېگەندەك ئەپسانىۋىي ھېكايىلەر كۆپ ئىدى . بىز شۇ قېتىمقى جىدەلدە غېىنى باتۇرغا نائىلاج قىسمەن مەنقۇلاتلاردىن بېرىپ قۇتۇلغان بولدۇق . ئىلگىرى تېرە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان چېغىمدا بىزنى تەشكىللىك ئېلىپ بارىدىغان گومىنداڭنىڭ يىغىنلىرىدا ۋىجىك ، ئورۇق كەلگەن ئابدۇكېرىم ئابباسوپنىڭ تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرگەن بولسام ، مانا ئەمدى ئىسكىلاتچىلىقنىڭ راپاۋىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداش ئاكا – ئۇكىلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتىم . ئۇ پوزۇر ياسىنىپ مەدەنىي يۈرۈشكە بۆلەكچە ئامراق بولغاچ ھەر قېتىم بىز تەرەپكە كەلسە ماڭا : -ۋاي ، جېنىم ئۇكام ، سادىغاڭ كېتەي ئۇكام ..... دېگەندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئىسكىلاتتىكى سەرخىل خۇرۇم كىيىم – كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىپ كېتەتتى . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |