سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ۋاپاسىزئوغۇل-رەزىل كىلىن

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-25 10:43مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

-قۇربان!.كەلدىڭمۇ بالام؟
-ھەئە،ئانا-دەپ جاۋاب بەردى قۇربان قولىنى يۇيىۋىتىپ-ئىتىزدىكى ئوتلارنى ئوتاپ بولدۇم،ئەمدى قويلارغا ھەلەپ بىرىۋىتەي.
-قويە بالام-دىدى بەھرىنساخان ئانا-كىرىپ دەرسىڭنى تەكرارلا،مەن قىلىۋىتەي،ئىمتىھانىڭغا ئاز قالدى.ئوبدان تەييارلىق قىلمىساڭ بولمايدۇ.
-ماقۇل ئانا-دىدى قۇربان ۋە ئۆيگە كىرىپ كەتتى.بەھرىنساخان سىۋەتكە تولدۇرۇپ ساماننى ئالدى ۋە يۇيۇش ئۈچۈن ئىلىپ ماڭدى.
        قۇربان بۇدۇنياغا كۆز ئاچقىنىدا دادىسى يوق ئىدى.ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا رەھمەتلىك ئىسمائىل قاتناش ھادىسسىدە قازا قىلغان ئىدى.رەھمەتلىك ھايات چىغىدا قانداق ئىسىل ئادەمتى ھە؟ ئوغلاق تارتىشىش،ئات بەيگىسى دىگەنلەردە بىرىنجىلىكنى ھىچكىمگە بەرمەيتى،مەشرەپلەردە بولسا ئۇسسۇل دىگەننى پەيدەك لەيلەپ، قۇيۇندەك پىرقىراپ ھەممىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىراتتى، قۇربانمۇ دادىسىنى دورىغان بولسا كىرەك،قولىدىن كىلىشچە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلايتى. بەھرىنساخان بولسا مۇشۇ مەھەللىنىڭ گۈلى ئىدى، ئەپسۇس تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن بالا دادىسىدىن،ئايال ئىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.شۇنداق بولسىمۇ قەيسەر ئانا . ھەم ئاتا،ھەم ئانا بولۇپ ئۇنىڭغا يىتىملىكىنى بىلىندۈرمىگەن ئىدى.كەلگەن ئەلچىلەرنىمۇ رەت قىلغان ئىدى.سەۋەبى ئوغلىنى ئۆگەيلىشىدىن ئەنسىرەيتى،نىمىلا دىگەن بىلەن يالغۇز بىرلا ئوغۇلدە.خۇدا پىشانىسىنى ئوڭ قىلغان بولسا كىرەك،قۇربان دەرستىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى.مەكتەپتىكى تەقدىرنامىلەر ئۇنىڭ قولىدىن ئاشمايتى.
      مانا ئمتىھان نەتىجىسى بىلەن چاقىرىق قەغىزىمۇ چىقتى،ئۇ پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە بىرىنجى بولغانىدى.شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋىرىستىتىغا قوبۇل قىلىندى،بۇنىڭ بىلەن خۇشاللىقمۇ خاپىلىقمۇ تەڭلا كەلدى سەۋەبى ئوقۇش پۇلىنىڭ كۆپلىكى ئىدى.
       بەھرىنساخان كىچىچە كىرپىك قاقمىدى،كۆڭلىنى ئەندىشە<چىرمىۋالغان ئىدى.ئاران بىر ئىمتىھاندىن ئۆتسە،پۇلنىڭ ئىشى بىلەنلا ئوقۇشسىز قالارمۇ؟ دادىسى رەھمەتلىك بولسىغۇ بىر نۆرى،ئەمما بىر تۇل ئايال........>
    ئۇ مۇشۇ خىياللار بىلەن تاڭنى ئاتقۇزدى،نامىزىدا قۇربانغا ئاتاپ ئۇزاق دۇئا قىلدى.ناشتىدىن كىيىن توخۇلارغا دان بىرىۋىتىپ كەنىت ئىشخانىسىغا قاراپ يول ئالدى، ئۇ كۆڭلىدە بالىنىڭ تاغىسى بولغان كەنىت باشلىقى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ياردەم سورىماقچى ئىدى.
ئۇ ئىشخانىغا كىرىدى.ئابدۇراخمان تېلفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى.گەرچە كەنىت باشلىقى بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭدا كەنىت پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ھىچقانداق كىبىرى يوق ئىدى.ئۇ تۇرۇپكىنى قويدى،بەھرىنساخان ئەمدى ئىغىز ئاچاي دىيىشىگە ئۇ ئېغىز ئىچىپ:
-ھازىر تىخى مائارىپ ئىدارىسى بىلەن سۆزلەشتىم،قۇرباننىڭ ئوقۇش پۇلىنى ۋىلايەتلىك پارتىكوم قارار قىلىپ ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى. دىمىسىمۇ ئۇ ئەليۇلئەلا بولۇپ بىزگە شەرەپ كەلتۈردى ئەمەسمۇ؟ئەمدى پەقەت تۇرمۇش پۇلىنىلا ھەل قىلساق بولىدۇ.خاتىرجەم بولۇڭ يەڭگە بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز.ئاكام ھايات بولسىغۇ بۇنچە قىينالمايتىڭلار، ھەرنىمە دىگەن بىلەن باشقا كەلگەن ئەجەلدىن قۇتۇلغۇلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟.....
بەھرىنساخان ھاياجانلىق كۆز ياشلىرى بىلەن ئىشخانىدىن قايتىپ چىقتى.ئۇنىڭ غىمى پۈتۈنلەي ھەل بولغانىدى.بىرھەپتىدىن كىيىن ئۇلار قۇرباننى نۇرغۇن تىلەكلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يولغا سىلىشتى.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(5)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !