سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

مەن مۇنداق باتۇر

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-24 22:19مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

خالايىق ، سىلەر خەلق ئۈچۈن ئىشلەش دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىلەر ؟! سىلەر خەلق ئۈچۈن نېمە قىلىپ بىرەلىدىڭلار ...؟ خەلق مەڭگۈ خوجايىن ، ئەمەلدارالار مەڭگۈ چاكار . مانا بۇ بۇ ئىبارە بىزنىڭ x ئىدارە باشلىقىغا تازا ماس كىلىدۇ . پەقەت مېنىڭ مۇشۇ باشلىقىملا ھەقىقى چاكارلارنىڭ ئۈلگىسى . راست ، ئۇ كەچتە ئۇخلىمايدۇ ، چۈنكى تۇغۇلىشىدىنلا ئاقكۆڭۈل ، رايىش بولغاچقا بۇرادەرلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تەييار قىلىغان سۆرۈنلىرىغا داخىل بولماسلىقتىن خىجىل بولىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىگى تاش ئەمەستە ... باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويۇش سىپى ئۆزىدىن كىبىر بولماي نېمە ؟! ئۇكۈندۈزلىرى ۋاقتىنى ئاساسەن ئۇخلاپ ئۆتكۈزىدۇ ، چۈنكى خەلققە ئەڭ يۇقىرى چەكتە ، جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن سالامەتلىك بەك مۇھىم ، بۇنى دېمىسەممۇ ھەممىڭلارغا ئايان . دېمەك بىزنىڭ بۇ رەھبەر خەلق ئۈچۈن ئۇخلايدۇ . سىلەر بەلكىم ئۇنىڭ كۈندە تۆت ۋاق تاماق يەۋاتقىنىنى ، يەنە كېلىپ ئاشقازىنىنىڭ گۆشكە خۇمار بولۇپ قىلىپ ، گۆشى ئىستىمال قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ باشلىقنى كۆرسە قاچىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۈمكىن . ئەجەبا 100 كىلودىن ئىشىپ كەتكەن سىمىز قوساق ، كۆتەكتەك بەدەنگە ئۇنچىلىك يەپ - ئىچىش نورمال ئىشنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نورمال ئىش ئەمەسمۇ ؟! جان - جانىۋارلارنىڭ قېچىشى ئۆزىنىڭ ئىشى ... كىم ئۇلارنىڭ گۆشىنى تاتلىق بولۇپ قالسۇن دەپتۇ ...باشلىقىم جان - جانىۋارلارنى يېگەن بولسا ، ئەلۋەتتە ئىكئولگىيىلىك تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىگىنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۈمكىن ، چۈنكى رىئاللىقنىڭ بىر قانۇنىيىتى بار . ئۇبولسىمۇ،
» ئاجىزلار شاللىنىش كۈچلۈكلەر تاللىنىش « ...

ھەرقايسىڭلارنىڭ مېنىڭ بۇ سۆيۈملۈك رەھبىرىمگە يامان كۆزدە قارىشىڭلارغا چىداپ بولالمايمەن . مەن باشلىقىمنىڭ يوشۇرۇن تۇتىۋاتقان ئۆيىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىمەن . باشقىلاردىن سوۋغات قۇبۇل قىلىۋاتقىنىنىمۇ بىلىمەن . سىلەر بۇنى ئاشنا ئويناش ، پارا يېيىش دەپ تولىمۇ سەت نام بىلەن ئاتايسىلەر ... ئەمما مېنىڭ باشلىقىم سىلەرنىڭ بۇنداق تۆھمەتلىرىڭلارغا پەرۋا قىلماي ، يەنىلا توغرا يولىدا دادىل قەدەملەر بىلەن ماڭماقتا . باشلىقىمنىڭ يۈرۈگىدە خەلقتىن ئىبارەت بۇ خوجايىنلارغا ئالاھىدە مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردە خەلق بانكىسى ، خەلق يولى ، خەلق تاللا بازىرى ، خەلق مەيدانى ، خەلق ئوبورنىخانىسى ۋە يەنە نۇرغۇن خەلق مەنپەتىنى چىقىش قىلغان ئورۇنلار ، سانىنىڭ كۆپلىگى ۋە ۋىۋىسكىسىنىڭ چىرايلىقلىغى بىلەن سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ . لېكىن مانا مۇشۇ ئورۇنلاردىن نورمال بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن سىزدە خەلق پۇلى بولىشى كېرەك ، ئەگەر يوق بولسا باشلىق چوقۇم بىيىشنىڭ ئەڭ ياخشى نەزەرىيىۋىي ئۇسۇلىنى سىزگە دەپ بېرىدۇ . مەن بۇ يەردە باشلىقىمنىڭ ھىيت - ئايەملەردە ، تۈرلۈك خاتىرلەش كۈنلىرىدە ، كۈنلۈك نورمىسىنى تاپالماي ، يەر قاتتىق ، ئاسمان يىراق بولۇپ ، خۇداغا نالە قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلارغا ، بەش كىلو ماي ، بىر خالتا ئۇن ۋە ئەللىك يۈەنلىكتىن ئۈچ تۆتنى بىرىپ ،قانچىلىك خوشال قىلىۋەتكەنلىگىنى ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلىۋىزۇرلاردا قانچە قېتىم تەشۋىق قىلىنىپ بازارغا سىلىنغانلىقنى ھەرگىز دېمەيمەن . چۈنكى بۇنداق قىلسام ، كۆز - كۆز قىلىپ قويغان بولىمەن . چۈنكى ياخشىلىق قىلغان ئىكەنمىز ، ئۇنى خەلقى ئالەمگە سازاىي قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقتە ... بۇنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر ... (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(5)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !