سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

مىسكىن خىياللار

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-25 18:00مەنبە: يازغۇچى:TUMAR زىيارەت سانى: قېتىم


مىسكىن خىياللار

مەن نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت تۇغرىلىق ئۇيلايمەن؟!مۇھەببەت توغرىلىق سۆزلەيمەن؟!بەلكىم مەن قىسمىتىمنى سۆزلەپ بېرىشنى خالىمايمەن.بىراق،ۋىناسنىڭ قانلىرى قېپقىزىل چوغلۇق ئەتتىرگۈلنى قېنىپ-قېنىپ پۇراشتىن باش تارتمايمەن.قەلبىمنىڭ ئالەم پاتمىغۇدەك غايەت چوڭ سىغىمدىكى رەڭلىك ئېكرانلىرىدا سېنىڭ گەۋدىلىك سىماھىڭنى قىياس قىلىمەن.
مۇھەببەت-مۇھەببەتنى ئۇيۇن دەپ قارايدىغان نادان تەلۋە كىشلەر ئۈچۈن زايە.
مۇھەببەت-جەڭگىۋار سۆيۈملۈك سۆيگۈنى بىباھا بىلىپ قەدىرلەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئاجايىپ ئۇلۇغۋار غايە.
كۈز ئايلىرىنىڭ مىسكىن نۇرلۇق تاڭ سەھىرىنىڭ قوينىدا،قۇياش ناھايتتى ھۇرۇن،ئىرىنچەكلىك بىلەن قىزغۇچ شەپەق ئۇپۇقىنى يېرىپ ئوت كەبى سارغۇچ يۇرۇقلۇق يېپىنچىلىرىنى ئالەمگە يايدى.دېرىزەم ئارقىسىدىكى گۈللەر ئالىقاچان قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.ياق،،،ياق،،،لەيلىگۈل بىلەن نامازشام گۈللىرى يەنىلا پورەكلەپ ئېچىلماقتا ئىكەن.ئۇلار سەلقىن سوغوق كۈز شاماللىرىدا سەل-پەل ئۈششۈپ شۈمشۈيۈشكە باشلىغان بولسىمۇ،يەنىلا ئاجايىپ گۈزەللىك تۇيغۇلىرىغا باشلايتتى.
ھويلامدىكى پاكار-پاكار قورو تاملىرىدىن مەھەللە ئوتتۇرسىغا جايلاشقان چىغىر يول بويىدىكى ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ يېڭىلا سارغىيىپ غازاڭ ئەيلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
مەن كۆردۈم.
بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شېخىغا قونۋالغان بىر جۈپ قۇشقاچنىڭ ۋىچىرلىشۋاتقانلىقىنى...
ئۇلار ماڭا سېنىڭ ئوتلۇق سالاملىرىڭنى ئېلىپ كەلدىمىكىن؟!
قوي-قوزىلار بوش-بوش سوزۇپ مەرىشۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ قۇرسىقى ئاچتى.ئوت-چۆپ تاشلاش كېرەك.
راست،ئىنسانلارنىڭمۇ قۇرسىقى ئېچىپ ناشتا قىلىدىغان ۋاقتى بولدى.<<سېنىڭمۇ قۇرسىقىڭ ئاچتىمىكىن؟!سەن سۆيگەن ئاشۇ گۈل ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بەردىمىكىن؟!>>.
دىدارىڭنى سېغىندىم.سېنى چۈشەپ قاپتىمەن...ھەي،چۈشۈمنى ساڭا ئۆرۈپ بەرگۈم يوق.ئەمما،سېنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن!سەن بەخىتلىك بول،سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭ بەختىم.
تاڭ سەھەر قوينىدا دېرىزەم تامام،
سۆزلىدىم خىيالەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
سۆيۈملىك ھەي يارىم سۆيمىسەڭ مەيلى،
نەپرەتلەر قەلبىمگە قۇرالماس توساق.
خوشاقماس كۈز پەسلى شاماللىرى ئاھ!
ئۈششۈگەن لەيلىگۈل،نامازشام گۈلى.
سەن كۆيسەڭ بىرىگە،كۆيەر باشقىغا،
شۇنداقكەن بەزىدە مۇھەببەت يولى.
سەيياھلار سارغايغان چىملىقلار ئارا،
تەنھالىق ئىلكىدە يۈرىمەن مەغرۇر.
ئازاپلار دېڭىزى ساھىللىرىدا،
رۇمانتىك ياسالغان ئەڭ ئېسىل پوزۇر.
قۇشقاچلار ساز چېلىپ ۋىچىلاشقاندا،
ئەسلىدىم ئۇستاتلىق تەسەۋۋۇرۇمدا.
بىر شېرىن سېغىنىش قىيناشلىرىدا،
راسلىدىم بەخىتلەر قەدەھلىرىدە.
ئاپتورى:ئۈزۈمزاردىكى قىز تۇلۇنئاي (تۇرپان)

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(9)
60%
دەسسەش
(6)
40%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !