سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

« ھارام ئارىلاشقان» نىكاھ

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-06 18:47مەنبە: يازغۇچى:Wasil زىيارەت سانى: قېتىم

« ھارام ئارىلاشقان» نىكاھ


ئەركەك سۇ  


   ( ھىكايە)


جىگدە ئېرىقتا قىزلىرىنى « تۇماق بىلەن ئۇرسا يىقىلمىغۇدەك» بولار - بولمايلا  ياتلىق قىلىۋېتىش ئۇدۇمغا ئايلانغان ئادەت بولسىمۇ، لېكىن گۈلسۈم سۇندۇكنىڭ  يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى.ئىككى يىل ئىشلەپ بېرىش بەدىلىگە قىزىنى بېرىش شەرتى بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن ھېلەك تازنىڭ گۈلسۈمنى كۆرگەندە بۆلەكچە ئىشچانلىشىپ،شوخلىشىپ كېتىشلىرى،دورداي كالپۇكلىرىنى يالىغىنىچەگۈلسۈمگە يەرنىڭ تېگىدىن مىختەك قادىلىشلىرى، تومپىيىپ ،كۆڭلىكىنى تېشىۋەتكۈدەك كۆتۈرۈلگەن كۆكسىگەھاياسىزلىق بىلەن  تىكىلىشلىرى؛ گۈلسۈمنىڭمۇ ھېلەك تازنىڭ ئالدىدا بۆلەكچە نازلىنىپ نايناقلاشلىرى،ھەتتا قوشنا - قولۇملارنىڭ ھېلەك تاز بىلەن گۈلسۈم توغرىسىدىكى ئاشكارە ياپتا گەپلىرىمۇ دادىسى سەمەت قۇشقاچنىڭ  خىيالىغا كىرىپ چىقمايتى.
   تۆت يىلدىن بېرى سەمەت قۇشقاچنىڭ ئۆيىدە ئات- ئېشەك ئورنىدا ھاردۇقىنى ھارام، كۈچىنى ھالال قىلىپ كېلىۋاتقان ھېلەك تازنىڭ چۈشى بىلەن ئوڭى ئوخشاشلا سەمەت قۇشقاچنىڭ بىر ئېغىز ماقۇللىقىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەخلۇق ھېچبىر ئېغىز ئاچاي دىمەيتى.ئانىسى دىگەن پاقا چىراي دەللىمۇ ئۇنىڭغا چىراي ئاچمىغىلى بىر يىلدىن ئاشتى. ئەمما ھېلەكنىڭ سەبرى قاچىسى تولۇپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەمەت قۇشقاچ  قزىنىڭ تويى خۇسۇسىدا گەپ ئېچىپ قالدى.
_ بالام،_ دىدى سەمەت قۇشقاچ ھېلەك تازغا مەككارلارچە ھىجىيىپ،_ ظەسلىدە گۈلسۈم قىزنى ساڭا بېرىپ،داداڭ رەھمىتىنىڭ روھىنى بىر خۇش قىلاي دىگەن ئىدىم ، بىراق سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بار ، زىياۋۇدۇن داموللا ھاجىم تولا ئەلچى كىرگۈزۈپ مېڭەمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. سەنمۇ بىلمەيسەن ئەمەس، ئۇلار دىگەن يۈز- ئابرويلۇق خەق. شۇڭا..
  _ بولدى.. بولدى... نىمە قىلغۇلىرى كەلسە شۇنى قىلسىلا،_دىدى ھېلەك تاز سەمەت قۇشقاچنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، مەن سىلىدىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازى، ئارتۇق خاۋاتىرلەنمىسىلە، بېشىمنى مۇشۇنچىلىك سىيلىغانلىرىمۇ يېتەر ئەمدى...
ئۇ شۇنداق دىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسىلىپ يۇمۇلايلا دەپ قالغان كۆزلىرىنىڭ  چوڭقۇر بىر يېرىدە ئىشەنچكە تولغان مىكىر ئىپادىلىرى يوشۇرۇنغاندەكلا قىلاتتى. سەمەت قۇشقاچ ھېلەكنىڭمۇنداق كەسكىنلىكىنى ھېچقاچان  كۆرۈپ باقمىغاچقىمىكىن ، بڭر تۇرۇپ خاۋاتىرلەنسە ، يەنە بىر تۇرۇپ يۈرىكى جايىغا چۈشكەندەكمۇ بولدى.
   _ ماۋۇ باغاقلارغا مۇنۇ قەغەزدىكى  مېھمانلارنىڭ ئىسمىنى  يېزىپ، ئەل- ئاغىينىلىرىڭ بىلەن  سەن تارقىتىۋەت،_ دېدى سەمەت قۇشقاچ شۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندەبىر تۇتام قەغەزنى ھېلەككە سۇنۇۋېتىپ،_ مېنىڭ ئىسمىم بىلەن خان ئاناڭنىڭ ئىسمىنى ئېنىق قىلىپ ياز،مېھمانلار بىلەلمەي قالمىسۇن.بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويما.
    زىياۋۇدۇن داموللا ھاجىمنىڭ ئەلچىلىرىگە قىزى گۈلسۈمنىڭ ناھايتى تېزلا ماقۇل بولۇشى،ھېلەكنىڭ ئۆزىگە قىلغان كەسكىن گەپ- سۆزلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا تىندۇرغان ئىدى.
  توي باشلاندى. بامداتنىڭ جامائەتلىرى ئۇزىتىلىپ قۇدا تەرەپ نىكاھ ئوقۇتۇشقىمۇ كېلىپ بولدى. لېكىن بۇ توي ھېلەكنىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ چىقمىغاندەك خاتىرجەم مېھمان ئۇزىتىپ يۈرەتتى. بىراق موللام نىكاھ پەتىسىنى ئوقۇپ كېلىپ:
  _ زىياۋۇدۇن داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى، سىراجىدىن قارىم سەمەت مۆمىننىڭ قىزى گۈلسۈمخاننى ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن نىكاھلىرىغا خاتۇنلۇققا قوبۇل قىلىپ ئالدىلىمۇ؟ دەپ ، سىراجىددىن قارىم ئەمدى ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە تۇيۇقسىز پەگا تەرەپتىن بۇقىنىڭ ھۆركىرىشىدەك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
   _ مەن ئالدىم!!! مەن ئالدىم!!! ئۆزۈم ئالىمەن ،  قانداق؟ !...
   ھەممەيلەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇياققا قاراشتى. ھۆركىرىگەن كىشى باشقا بىرى ئەمەس دەل ھېلاخۇن_ ھېلەك تاز ئىدى.
__ ياشاپ كەت ھېلەك!
_ ئەر-دە، ئەر!
_جۈرئىتىڭگە بارىكاللا ، ھېلەك!... مەھەللىدىكى بىرنەچچە دۈررەكلەرمۇ ھېلەككە قوشۇلدى.
  موللام، زىياۋۇدۇن داموللا ھاجىم، سىراجىددىن قارىم __ ھەممىسىنىڭ كۆزى سەمەت قۇشقاچقا تىكىلدى. ئاڭغىچە ئىچكىركى ئۆيدىن تولىمۇ زىل ۋە چىرقىراق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
   __ مەنمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئۆزۈمنى ھېلاخۇنغا خاتۇنلۇققا قوبۇل قىلدىم...!
   مېھمانلار ھاڭ- تاڭ قېلىشتى.ئۆيدىن يۈز- كۆزلىرى پەرەنجىلەنگەن گۈلسۈمخاننىڭ قانداق چىققىنىنى، ھەتتا ھېلەكنىڭ ئۇنى قانداق ئېلىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ھېچكىم بىلەلمىدى.
    __ خاپا بولۇشمىسىلا، نىكاھقا ھارام ئارىلاشتى، قالدى ئىشلارنى  ھەرقايسىلىرى مەسلىھەتلىشىپ بىرنىمە قىلىشالا __ دىدى موللام خىرقىراپ تۇرۇپ،__ مەن كېتىۋالاي. موللام قولتۇقىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان زەللىسىنى قوينىغا چىڭقىغاچ، مەسە كالىچىنى قولتۇقىغا قىستۇرغان پېتى ئۆيدىن چىقتى.
   سەمەت قۇشقاچ ئەسلىگە كەلگەندە ، ھويلىدا ئادەم قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتى. قولىدا بولسا بىر تۇتام باغاق، باغاقلارغا : « قىزىمىز گۈلسۈمخان بىلەن ئوغلىمىز ھېلاخۇننىڭ توي مەرىكىسىگە... » دىگەندەك سۆزلەر يېزىقلىق تۇراتتى.

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(31)
86.1%
دەسسەش
(5)
13.9%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !