قىممەتلىك دوستۇم گۈلمىرە،مەن بۇ خەتلىرىمنى ھىكايىغا ئوخشۇتۇپ يىزىۋاتىمەن. نىمە ئۈچۈن ساڭا ئارقا-ئارقىدىن خەت يازىمەن، بۇ ئۆزۈمگىمۇ قاراڭغۇ. يىقىندىن بىرى ساڭا خەت يىزىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بوپ قالدىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرقى خەتلىرىمنى ئوقۇپ چىقىپ چۈشۈنۈپ قالارسەن....سەن بىلىسەن، مەن رومان ئوقۇشقا تولىمۇ ھەۋەسكار ئىدىم. <<چالىقۇش>>ىنى دەپتەرگە كۆچۈرۈپ چىققانلىقىم يادىڭدىمۇ ھە؟<<ئۆتكەن كۈنلەر>> ،<<مىھراپتىن چايان>> لار ھازىرمۇ يىنىمدا جۇمۇ ؟ لىكىن ھازىر بۇ كىتاپلار كونىراپ قالدى. مەن ھازىر ئەرەپچە رومان ئوقۇيالايدىغان بولۇپ قالدىم. كۈن بويى قىلىدىغان ئىشىم كىتاپ ئوقۇش،ياسىنىش...مەن ئالتۇن-كۈمۈش،ياقۇت –مەرۋايىت ئىچىدە خان ئوردىسىدەك ياسىداق ئۆيدە ياشاۋاتىمەن .مەن راھەت پاراغەتنىڭ يۈكسەك چوقىسىدا تۇرغانلىقىم ئۈچۈن ئۆتكەن كۈنلەنى ئۇنۇتماقچى، ھەممىنى باشقىدىن باشلىماقچى بولغانتىم. لىكىن ئۆتكەن كۈنلەر ئادەمنى يۈرۈگىگە يىلتىز قالدۇرۇپ ئۆتىدىكەن . ئۇنى يۇلۇپ ئىلىۋەتمەك تولىمۇ تەسكەن، ياق، مۈمكىن ئەمەسكەن، مەن يىگىرمە تۆت ياشقا تولغان كۈنۈم ئاتمىش نەچچە ياشلىق باي بىلەن توي قىلغىنىمغا سىلەر مىنى مازاق قىلىش ئۈچۈن تويۇمغا كەلدىڭلار،لېكىن ھەر بىرىڭلارنىڭ قۇلقىغا بىردىن ئالتۇن ھالقا سىلىپ قويىۋىدىم ،مازاق تاپا-تەنە ئۈچۈن تەييارلىغان سۆزلىرىڭلار ئاپىرىن مەدىيەگە ئۆزگۈرۈپ كەتتى. مەن بۇنى سەزدىم، سىلەردىن نەپرەتلەندىم ۋە پۇلنىڭ كۈچىگە قايىل بولدۇم، مەن ئەقلىمنى بىلسەم ئىنسانلار تەلپۈنىدىغان نەرسە پۇل ئىكەن. ھەرقانداق چىرايلىق ،داغدۇغۇلۇق گەپلەمۇ پۇل يالقۇنىدا ئىرىيدىكەن ياكى رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىكەن. مەن بۇ سىرنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاتمىش نەچچە ياشلىق بوۋاينىڭ نىكايىغا ئۆتۈشنى خوشاللىق ۋە مۇھاببەت بىلەن قوبۇل قىلدىم. ناۋادا باشقا بىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل چىرايىنى ،ياشلىقىنى ۋە <<ئىستىقبال>> دەپ ئاتىلىدىغان كەلگۈسىنى پۇل پۈچەك ئۈچۈن قۇربان قىلغان بولسا ،مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەن ۋە ئۇنى تىللىغان بولاتتىم. لىكىن مەن ھىچكىمدىن نەپرەتلىك گەپ ئاڭلىمىدىم. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆتمۈشكە نەپرەتلەنگەنتىم. لىكىن نەپرەت بىلەن ئۇنتۇش ئىككى نەرسە ئىكەن. |