مانا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى.قۇربان بىريىل تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولسىمۇ ئىككىنجى يىلىدىن باشلاپ ئەتراپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرىدە ھاراق ئىچىدىغان،بەزى كۈنلىرى دەرىسكە قاتناشمايدىغان،مۇزاكىرگە كىرمەيدىغان قىلىق چىقىرۋالغان ئىدى.ئۇنى ئازدەپ بىر قىز ساۋاقدىشى بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىدى.كىچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن دىسكوخانا،مەيخانا دىگەندەك يەرلەرگە كىرىپ پۇلى تۈگەپ ياتاقتا قۇرۇق نان غاجىغان كۈنلىرىمۇ بولدى،ئەمما يۇرتىدا ئۆزىنىڭ بەختىنى ھەرۋاق نامىزىدا ئاللاھتىن تىلەيدىغان بىچارە ئانىسنى يادىغا ئىلىپمۇ قويمىدى. مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى ئىشخانىغا چاقىرتتى.ئۇ دەككە-دۈككە ھالدا ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.مۇدىر قولىدىكى گىزىتنى قويۇپ ئۇنىڭغا: -قىنى ئولتۇرڭ-دىدى ۋە ئىستاكاندىكى چاينى بىر ئوتلاپ-ئۇكام،سەن دەسلەپىدە خىلى ياخشى ئوقىۋاتاتتىڭ،يىقىندىن بۇيان سەل ئۆزگىرىپ قىلىۋاتىسەن،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئوقۇشۇڭغا ھۆكىمەت ياردەم بىرىۋاتىدۇ،بىچارە ئاناڭ سىنى دەپ جاپا چىكىۋاتىدۇ.بۇلارنى ئۇنتۇپ قالما.ساڭا ئۈچ ئاي سىناش مۆھلىتى بىرىمەن،ئەگەر دىگەن يىرىمدىن چىقمىساڭ ئاقىۋىتىڭنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن.-دىدى مۇدىر تەئەددى قىلىپ. قۇربان ئىشخانىدىن سالپىيىپ چىقتى.ئۇ ئىلگىرى بىرقانچىسىنىڭ مەكتەپتىن قوغلانغانلىقىنى كۆرگەنىدى،ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بىشىغا بۇ كۈن كەلسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. ئەل مەھەللە ئالدىدا يۈزى تۆكۈلگەننى ئازدەپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالدىدىمۇ قارا يۈز بولاتتى،شۇڭا ئۇ قەتئى نىيەتكە كىلىپ ئۆگىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويماقچى بولدى،لىكىن مۇقەددەسنى قانداق قىلغۇلۇق؟ئۇنداق چىرايلىق قىزنى قولغا كەلتۈرمەك ئاسانمۇ؟ ئۇنى شىرىن-شىكەر گەپلەر بىلەن ئاران ئىندەككە كەلتۈرگەن تۇرسا؟ ئۇ شۇخىياللار بىلەن باغچىغا كەلگىننىمۇ تۇيماي قالدى،بۈگۈن ئۇلار ئىككىسى مۇشۇ يەردە كۆرۈشمەكچى ئىدى.مۇقەددەس چوڭ بىر ئەمەلدارنىڭ قىزى ئىدى،ئىرسىيەتمۇ قانداق كىبىرى بەكلا ئۈستىن ئىدى.لىكىن قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تاتلىق ۋەدىلىرى،ئۇنىڭ كىلىشكەن قامىتى ئۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ئىدى،ئۇنى سەھرالىق دەپ كۆزگە ئىلمىسىمۇ نىمىشقىدۇر كۆڭلى ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مۇقەددەس ئۇنىڭ سالپايغان چىرايىنى كۆرۈپ: -نىمە بولدىڭىز؟-دەپ سورىدى. قۇربان بىشىنى ****ىرىپ ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ ئاخىرىدا: -مۇقەددەس،مىنىڭ سىزدىنمۇ،ئوقۇشتىنمۇ ئايرىلغۇم يوق،شۇڭا بىر مەزگىل ئالاقە قىلمايلى.بۇ ھەرگىزمۇ سىزنى تاشلىۋەتكىنىم ئەمەس،بۇنداق ئەھۋالدا مەنمۇ ئامالسىز قالغۇدەكمەن..... گەپنىڭ ئاخىرى چىقمايلا مۇقەددەس چالۋاقاپ كەتتى: -يالغان گەپ قىلماڭ،سىز چوقۇم باشقا بىرىنى تىپىۋالدىڭىز،بوپتۇ سىزنىمۇ ئوغۇل بالا دەپ يۈرۈپتىمەن.دىدى. قۇربان ئۇنىڭ ئالدىدا گۈپپىدە تىزلىنىپ: -جىنىم مۇقەددەس،ماڭا ئىشىنىڭ،مەن ھەرگىزمۇ...... مۇقەددەس قاقاقلاپ كۈلدى،ئۇنىڭ مەقسىتىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى.قۇربانمۇ ھىچ ئامال قىلالمىغان چاغلىرىدا مۇشۇنداق قىلاتتى،مۇشۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ يىگىتلىك غورۇرىنى يوقىتىپ ئىت بىلەن پەرقى يوق ھالغا چۈشكەن ئىدى. -چاقچاق قىلىپ قويدۇم،تۇرىڭە ئورنىڭىزدىن-دىدى مۇقەددەس ئۇنى يۆلەپ.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |