سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > بېلىۋىلىڭ >

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىرورىىستلار

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-28 15:16مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم


  خەلقئارا “تىرورىست” ئېلان قىلىنىپ،كېيىن دۆلەت رەئىسى بولغان،ھەتتا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

1. ياسەر ئارافات ياسەر ئارافات.
تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۈسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئۆزىنىڭ،ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929.يىلى،8.ئاينىڭ،24.كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە پەلەستىنلىك بىر كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئىنۋىئەرسىتىتى)1948.يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا،1949.يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى.1952-1956.يىللىرى ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.”ياسەر” ئىسمىن بۇ يىللاردا ئىشلەتتى.ئۇ،پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ”ئابۇ ئاممار”تەخەللۇسىنى قوللاندى.ياسەر ئارافات 1957.يىلى قۇرۇلۇش ئىنجىرى سۈپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى.كۇۋەيىتتە 1958.يىلى “ئەل پەتىھ”(پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى)نى قۇردى.ھېچ بىر ئەرەب دۆلىتىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964.يىلى ئەئوردانىيەگە كۆچۈپ كەلدى.

  ئەئوردانىيەدىİسرائىلگە قارشى شىددەتلىك قوراللىق ھۇجۇملارنى قوزغىدى.پەلەستىن ئازاتلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بارلىق پائالىيەتچىلەر ئەئوردانىيەگە سەلدەك ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى ئەئوردانىيەنىڭ پادىشسى ھۈسەيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ 1969.يىلى ئارافاتنى باش مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلدى.ئارافات “مۇستەقىل پەلەستىن” غايىسى ئۈچۈن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.

  1970.يىلى 9.ئاينىڭ 15.كۈنى ئارافات دۇنيانىڭ بىر قانچە نۇقتىسىدىن ئەئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئۇممانغا 50 كىلومېتىر يېقىنلىقتىكى داۋسۇن ئايروپىلان ئىستانسىسىغا 5 ئايروپىلاننى قاچۇرۇپ ئەكەلدى ۋە يولۇچىلارنى ئايرىۋېتىپ ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قۇيۇۋەتتى. ياسەر ئارافات،بىرلەشكەن دولاتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن “خەلقئارالىق تىرورىست”دەپ ئېلان قىلىندى.

   1970.يىلى يىل ئاخىرىدا ئەئوردانىيە ئارمىيىسى ئارافاتنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.ئارافاتنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى. 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلاندى. ئۇ،قالغان ئەسكىرى كۈچلىرىنى ئېلىپ لىۋانغا قېچىپ كەلدى.شۇنداق قىلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئەسكىرى زەربە ئوز مىللىتى ئەرەبلەردىن كەلدى.

   1972،يىلى ئاۋۇستۇرريەنىڭ ۋىيەنا شەھىرىگە كېتىۋاتقان بىر يولۇچى ئايروپىلاننى قاچۇرۇپ،ئىسرائىلنىڭ لۇد شەھىرىگە قوندۇردى.24 نەپەر يولچىنى ئولتۇردى. بارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئارافات نى تۇتۇش بۇيرۇغى چىقىرىلدى.

  1972.يىلى 9.ئايدا گېرمانىيىنىڭ مىيونخىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك يېغىنىدا ئارافاتنىڭ ئادەملىرى 11 نەپەر ئىسرائىللىك تەنھەرىكەتچىنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ھەممىسىنى ئولتۇرۇۋەتتى.لىۋان ئىسرائىل تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئارافات تۇنىسقا يەرلەشتى.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !