سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > بېلىۋىلىڭ >

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىرورىىستلار(4)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-28 15:16مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم


  
1993.يىلى "كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى"تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
  ھاشىم تاجى ئاشكارا پائالىيەتلەردىن قول ئۈزۈپ،مەخپىي پائالىيەتكە ئۆتتى.تەشكىلاتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن شۋېتسارىيىگە كۆچۈپ باردى.ئۇ يەردە سىياسىي بىلىم بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇدى.تەكرار كوسوۋاغا قايتىپ كېلىپ 1996-97.يىلىرى سىرىپ يۇقىرى قاتلام كادىرلىرىغا،سىرىپلار ئۈچۈن ئىشلىگەن خائىن ئالبانلارغا قارشى كوپ قېتىم سۇيىقەست ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.سىرىپ ئەسكىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا كوپ قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قوزغىدى.

   يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى ھاشىم تاجىنى خەلقئارالىق"تىرورىست"ئېلان قىلدى ۋە مىلوسوۋىچ ھۆكۈمىتى 1998.يىلى ئالبان ئىسيانچىلارغا قارشى كەڭ كۇلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى.
1998.يىلى كوسوۋو خەلقى زور كۇلەمدە مىللىي قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى.بۇ كۈنلەردە يۇگوسلاۋىيە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كوسوۋالىق ئالبانلار ھاشىم تاجى نى مىللەتنى قىرغىن قىلىشقا سەۋەبچى بولغان "خائىن"دەپ ئېلان قىلىپ،ئۇنى كۆرگەن يەردە ئىتىپ ئولتۇرۇش بۇيرۇغى چىقاردى.
شىددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش كوسوۋانىڭ ھەممە يېرىگە تۇتۇشۇپ كەتتى.بۇ يىللاردا ھاشىم تاجى پارتىزانلار ئەتىرىدىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە كۆتۈرۈلدى.

   1999.يىلى.2 ئايدا فرانسىيىنىڭ رامبوئۇئىللەت شەھىرىدە كوسوۋو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق كونپرانس ئېچىلدى. كونپرانسقا كوسوۋو ئالبانلىرىغا ۋاكالىتەن كوسوۋو مەسىلىسىنى دېموكراتىك يول بىلەن  ھەل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى İئبراھىم رۇگوۋا قاتناشتى.
  ھاشىم تاجى ۋە"كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى" تىرورىست دەپ ئىلان قىلىنغاچقا دەسلەپتە كونفىرانسىسقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ كىيىن فىرانسىيىگە بىرىشقا"ۋىزا بېرىلدى .
كونپرانس سىرپلارنىڭ كېلىشىمنى ئىمزالاشنى رەت قىلىشى بىلەن 1999.يىلى.3.ئاينىڭ 19.كۈنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
5 كۈندىن كېيىن يەنى 3.ئاينىڭ 24.كۈنى ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تشكىلاتى)ھاۋا ئارمىيىسى بىلگىراتنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى.يۇگوسلاۋىيە باش قوماندانلىق شتابىنى ناتو ئەسكىرى مەخپىيەتلىكلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن ژۇڭگو باش ئەلچىخانىسىمۇ بۇ كۈنلەردە بومباردىمان قىلىندى. ناتو نىڭ يۇگوسلاۋىيىگە قويغان "كوسوۋادىن ئەسكىرى ۋە پولىس قىسىملىرىنى شەرتسىز ئېلىپ چىقىپ كېتىش"تەلىپىگە 1999.يىلى 6.ئاينىڭ 10.كۈنى يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى ئىمزا ئاتتى.
  78 كۈن داۋام قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى ئۇرۇش توختىدى.
50 مىڭ ناتو ئەسكىرى كوسوۋاغا يەرلەشتى.ناتو "كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى"نىڭ دەرھال قورال تاپشۇرۇپ تارقىلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھاشىم تاجى 2000.يىلى " كوسوۋو خەلق دىموكىراتىسى پارتىسى"نى قۇردى.
2001.يىلىدىكى ئومۇمى خەلق سايلىمىدا كوپ سانلىق ئاۋازنى İبراھىم رۇگوۋا ئالدى.
  ھاشىم تاجىنىڭ پارتىسى 26 ۋەكىل بىلەن پارلامىتتا ئاز سانلىقتا قالدى.
  2004.يىلدىكى  سايلامدا 30 ۋەكىل بىلەن قالدى.ھۆكۈمەتتە يەر ئالالمىدى.
  2008.يىللىق ئومۇمى سايلامدا ھاشىم تاجى “ئەگەر باش مىنىستىر بولسام كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلايمەن "دەپ خەلىققە سوز بەردى.تاجىنىڭ پارتىسى مۇتلەق كوپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلىبە قازاندى.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !