سۇڭپىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك، مەززىلىك. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقى ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ. سۇڭپىيازدا يەنە باكتىرىيە ئۆلتۈرگۈچى ئۆسۈملۈك پېگمىنتى بۇلۇپ، ئاشقازان، ئۈچەي يۇقۇملۇق كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۇڭپىيازنىڭ بېشىدا يەنە پىگمىنتى بولغاچقا، ئۇنىڭ كىچىك قان-تومۇرلىرىنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمى ئۆرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا دائىم ئىشتىيى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، «قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش » تەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.شۇڭا يۇقىرقىدەك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۇڭپىيازنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |